ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت يېڭى كىتاب تۈركىيەدە تارقىتىلىشقا باشلىدى
2024.10.04
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان تۈرك تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى ئوزان پەكگۆز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى شاھىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان كىتابى «ئىلەرى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس، سىستېمىلىق ۋە ئىلمىي رەۋىشتە كىتاب ھالىتىدە تونۇشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن، ئوزان پەكگۆز ئەپەندى كىتابىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە تۈركلىرى، قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تاتارلار، ئەزەرىلەر، تۈركمەنلەر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن بىر مىللەت، يەنى ھەممىسى ئورتاق تۈرك خەلقى دېگەن قاراش بويىچە شۇنىڭدەك يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي خەلق ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭمۇ ئۇچرىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ « «شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ماۋزۇ قويغان.
كىتابنىڭ مۇئەللىپى تۈرك يازغۇچى ئوزان پەكگۆز ئەپەندى مەزكۇر كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە قانداق پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەندە بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى، 2021-يىلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندا پەيدا بولغانىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇرۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، خىتاينىڭ ئالدىدا بەكلا ئاجىز پوزىتسىيەدە بولغانىدى. مەن بۇلارنى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئېنىق ھېس قىلدىم. يەنە بىرى ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئاتاتۈركنىڭ پىكرىنى ياقىلايدىغان سولچىل ئىدىيەدىكى بىرمۇ يازغۇچى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا كىتاب يازمىغان. بۇ، تۈركىيەدە سولچىل ئىدىيەدىكى يازغۇچى يازغان تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ».
«شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتاب: «شەرقىي تۈركىستان كىمنىڭ يۇرتى؟ خىتاي چۈشى، خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىشى ۋە تەتۈر تەشۋىقات ئۇسۇلى. خىتاينىڭ تېررورچى قالپىقى ۋە جازا لاگېرلىرى، دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دىياسپوراسى، خۇلاسە» قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ ئاپتورى ئوزان پەكگۆز ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن كىتابتا ئالدى بىلەن تارىخىي يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. ئارقىدىن قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. كىتابتا، خىتاينىڭ 2000-يىلىغا كەلگەندە قانداق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قانداق بىر ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدىم. مەن بۇلارنى ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يازدىم».
ئۇ، بۇ كىتابنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن خاتا مەلۇماتلارنى تۈزىتىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇلاردىن سىرت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزاسى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىمۇ مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارغا ئورۇن بەردۇق دەپ ئويلايمەن. قىسقىسى بۇ كىتابتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سىياسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلدىم. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن خاتا مەلۇماتلارنى تۈزىتىشكە، تۈركىيەدىكى ئاتاتۈركچى سولچىل ئىدىيەدىكى خەلققە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا توغرا مەلۇمات بېرىشكە تىرىشتىم».
بۇ كىتاب 20-سېنتەبىر كۈنىدىن 29-سېنتەبىر كۈنىگىچە مانىسا ۋىلايىتىدە ئېچىلغان كىتاب يەرمەنكىسىدە سېتىشقا چىقىرىلغان. يازغۇچى ئوزان پەكگۆز ئەپەندى كىتابنى سېتىشقا چىقارغان يەرمەنكىدە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇ، مەزكۇر كىتابنى كىشىلەرنىڭ قىزىقىپ سېتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەرمەنكىدە كىتابقا قىزىقىش كۆپ بولدى. كىتابنى تېخى تۈزۈك تونۇشتۇرمىغان بولساقمۇ، كىشىلەر بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپلا سېتىۋالدى. تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بۇنداق كىتابلار كۆپلەپ نەشر قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توغرا مەلۇماتلار بېرىلسە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».
216 بەتلىك بۇ كىتابنى سېتىۋالغان پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە زىيالىي ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، «سىز كىتابقا قانداق باھا بېرىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپى شۇكى، تۈركىيەدىكى ئاتاتۈركچى ۋە سولچىل ئىدىيەنى ياقىلايدىغان بىر يازغۇچىنىڭ بۇنداق كىتابنى يېزىشى مۇھىم دەپ قارايمەن. ھەر خىل سولچىل ئىدىيەدىكى كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سولچىل ئىدىيەدىن قارىمايدۇ، مەن ئوزان پەكگۆز دېگەن بۇ يازغۇچىنى تونۇيمەن. قانداق ئىدىيەدىكى كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەقىقەتنى كۆرۈشى كېرەك. شۇڭا ئۆزلىرىنى مىللەتچى سولچى دەپ قارىغان بىر يازغۇچىنىڭ بۇنى يېزىشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن.»
بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇرېشىت ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، يازغۇچى ئوزان پەكگۆز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يازغان بۇ كىتابىنىڭ تۈرك خەلقىگە ۋە ياۋروپادىكى تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈرك يازغۇچى ۋە ئوبزورچى خالىس ئۆزدەمىر يازغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» ناملىق كىتاب ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغانىدى. بۇ يىل نەشر قىلىنغان ئوزان پەكگۆزنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بۇ كىتابى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ كەڭ بىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.