ئابدۇلھاكىم ئىدرىس: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تەيۋەندە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىلان تۈزدۇق»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.10.21
Abdulhakim-idris-Doklat-bermekte-1024 ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس دوكلات بېرىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 18-ئۆكتەبىر، تەيبېي
RFA/Erkin Tarim

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې «جۇڭخۇا مىنگو» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 113 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇشىنىڭ «مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى، چۈنكى تەيۋەننىڭ سىياسىي ئۆتمۈشىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، تەيۋەندىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە يىغىن ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان سىياسىي پارتىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە بۇ توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تەيبېيدە تۇرۇپ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز 18-ۋە 19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ باردۇق. 18-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتە تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى مەسئۇللىرى، تەيۋەن دېموكراتىيە ھەرىكىتى مەسئۇللىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەندە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىلىق مۇزاكىرىلەشتۇق. بۇ يىغىنىمىزغا تەيۋەندە تۇرۇشلۇق دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك جەڭچىسى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى».

تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 18-ئۆكتەبىر، تەيبېي
تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 18-ئۆكتەبىر، تەيبېي
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك قىسمەتلىرى «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخشىمى بۇ فىلىم تەيۋەن «يېشىل پارتىيەسى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا كۆرسىتىلگەن. تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خې چاۋدۇڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹ھەدەمنى ئىزدەپ› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا تەيۋەندە تۇنجى قېتىم ئون مەيدان قويۇلغان ئىدى. بۇ يىل ئۈچ مەيدان قويۇلدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخشام قويۇلدى. مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز دېگەن تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق».

«ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى تاشكەن دۆۋەت ئەپەندى تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى تەيۋەن دېموكراتىك فىلىم فېستىۋالى مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردۇق. يىغىننىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ بولدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ قانداق چەكلەنگەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىمى ئاڭلىتىلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەيۋەنلىكلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىدى».

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ پىرېزىدېنت لەي چېڭدې ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

Teybeyde-paaliyet-1024

تەيۋەندە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادا ئۇيغۇر ئەزاسى بولمىغان بىردىن بىر شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى تەيۋەندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى خې چاۋدۇڭ ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىلىشتا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاخىرىدا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن قانداق ھەمكارلىشالايمىز؟ بۇ مەسىلىدە تەيۋەنلىكلەر نېمە قىلىشى كېرەك؟ خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىش ئېھتىمالى بارمۇ ۋە بۇنىڭغا قارشى قانداق كۈرەش قىلىمىز؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىدىن سورىدۇق، شۇنداقلا بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىلان تۈزدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مۇشۇ پىلانىمىز بويىچە تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى».

«تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېڭىلىنىشى سەۋەبلىك مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۆزگىرىدىكەن. تەيۋەندىكى سايلامدىن كېيىن 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نى داۋاملاشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مۇراسىمغا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەن گويۈگە ۋاكالىتەن پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ يۈروڭ ئىشتىراك قىلغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.