ئۇيغۇر رەسسام ۋە فوتوگرافلار ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ بىر قىسىم ماي بوياق ۋە فوتو رەسىملىرى، 9- دېكابىردىن11-دېكابىرغىچە ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا كۆرگەزمە قىلىنىپ، يىغىن قاتناشچىلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزىقىش قوزغىغان ئىدى.

پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، 14- دېكابىر كۈنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، بۇ سەنئەت ئەسەرلىرى فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە تەكرار كۆرگەزمە قىلىنغان. ئىگىلىشىمىزچە بۇ قېتىم بەدىئىيلىكى ئىنتايىن يۇغۇرى سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ فوتو رەسىملىرىنىڭ باھاسى $650-$1000 دوللار ئەتراپىدا بولغان. مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ماي بوياق، دۇغ بوياق رەسىملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى $250، يۇقىرىسى 1800$ -$2000 ئەتراپىدا سېتىلغان.

كۆرگەزمىدىن كېيىن، بۇ ئەسەرلەرنى سېتىۋالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار، رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ۋە فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىلەر ئايرىم-ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا كۆرگەزمىگە قويغان رەسىملىرى. 2022-يىلى 14-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
رەسسام مەرۋايىت ھاپىز

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇيغۇر ھاياتى، ئۆرپ -ئادەتلىرى ۋە ۋەتەننىڭ گۈزەل مەنزىللىرى تېما قىلىنغان بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرگەزمىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار سەنئەت ئەسەرلىرىگە يۇغۇرى باھا بەرگەن. ئۇيغۇرلار يەنە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن سەنئەت ئەسەرلىرىنى سېتىۋېلىپ، كۆرگەزمىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئەلفىدار خانىم يەنە ئۆزىنىڭمۇ مەرۋايىت خانىمنىڭ «ئۇيغۇر بوۋاي» پورتىرېتىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ رەسىمنى سېتىۋېلىشقا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، رەسىمدىكى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتىن باشقا، رەسىمدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر بوۋاي ئوبرازىدىكى قويۇق ئۇيغۇر كىملىكى ئۆزىنى مەھلىيا قىلىۋالغانلىقى، شۇڭا ئۇ بۇ رەسىمنى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆز بالىلىرىغا ئۇيغۇر روھىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان دىلزات ئەپەندى مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدىن بىرنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى. ئۇ كۆرگەزمىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەرۋايىت ھاپىزنىڭ يۇقىرى باھالىق ماي بوياق رەسىمىنى سېتىۋالغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان.

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار چەتئەللەردە ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشتا بەك ئېغىر بەدەل تولىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلقتىن ئايرىلىپ قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چەتئەلدە ئۆزىنى قايتا قۇراشتۇرۇشقا، يېڭى كەسىپ تاللاشقا مەجبۇر بولدى. ئاز بىر قىسىملىرى ئۆزىنىڭ كەسپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئارقىلىق ھەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ ھەم كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز كەسپى ئارىلىق مىللەتكە خىزمەت قىلىپ كەلدى. مانا بۇنى قاملاشتۇرغان تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن بىرى مەرۋايىت ھاپىز، شۇڭا، رەسىملىرىنى ياخشى كۆرگەندىن باشقا قوللاش يۈزىسىدىن بۇ رەسىمنى سېتىۋالدىم.»

ئىگىلىشىمىزچە،2016- يىلدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە «ئاتلان چەتئەل تىلى مەكتىپى» نى ئېچىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان قاسىمجان ئەپەندى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆز ئىجادىيىتىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇپتىكى رەسىملىرىنى سېتىۋېلىپ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئىكەن.

ئۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئائىلىسى بىلەن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، مەرۋايىت ھاپىز خانىمدىن تور ئارقىلىق رەسىم دەرسى ئېلىۋاتقان قىزىنىڭ تاللىشى بىلەن، مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە دۇغ بوياق رەسىمىنى سېتىۋالغان.

كۆرگەزمىدىن كېيىن، قاسىمجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۇيغۇر كىملىكى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رەسساملىرى ۋە رەسساملىق سەنئىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تەرەققىياتى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ساقلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

كۆرگەزمىدىن كېيىن رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ۋە فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىلەرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. مەرۋايىت ھاپىز خانىم، بۇ قېتىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سېتىۋېلىشىدىن، ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆز رەسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا قىزىقىدىغان ياۋروپالىقلار بىلەنلا چەكلىنىپ كېلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇنىڭدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلا ھاياتىدىمۇ سەنئەت ئىجادىيىتىدە زور ئۈمىد بارلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىن كېلىپ فوتو سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمىگە قويغان ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى، ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە فوتو سەنئىتىدە تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ھۆسنخەت ئىجادىيەتلىرى ۋە فوتو رەسىملىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنىپ، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىكەن.

خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى. 2013-يىلى، ئۈرۈمچى.
خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى. 2013-يىلى، ئۈرۈمچى. (Ablikim Emet teminligen)

ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى فوتوگرافىيە سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان فوتو رەسىملىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارى مەنزىرىلىرى ئەكس ئەتكەن بۇ فوتو رەسىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق بەدىئىي ئىجادىيەت مېۋىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلغان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ۋەتەن ھەققىدىكى بۇ فوتو سۈرەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز يۇرتلىرىغا بولغان سېغىنىش ھېسلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈلىرىنى قاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 2017- يىلى 9- ئايدا ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى مەنزىرىلىرى تېما قىلىنغان مەنزىرە فوتو سۈرەتچىلىك پۇرسىتىمۇ مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشقان. بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەنزىرە رەسىملىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ۋەتەن مەنزىرىلىرى ئىجادىيىتىنىڭ ئاخىرقى ئەمگەك مېۋىلىرى ھېسابلىنىدىكەن.