«ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» ناملىق تور سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلاردىكى روھىي بېسىملار ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېما قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.08.16
يوناھ دايموند: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارا بولدى»
Photo: RFA

12-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان «بىزنىڭ ئازابلىرىمىزنى چۈشىنىش» تېمىسىدىكى تور سۆھبىتىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك روھى بېسىملار ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېما قىلىنغان.

بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ تور سۆھبىتى مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسسىس فىل گازلېي ئەپەندى، ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە كۆچمەن بولغان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى دۇچ كېلىدىغان روھى بېسىملار ھەمدە كۆچمەنلەر دۇچ كېلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىك لېكسىيە بەرگەن. سۆھبەت جەريانىدا روشەن ئابباس خانىم فىل گازلېي ئەپەندىدىن بىر قانچە قېتىم سوئال قويغان.

روشەن ئابباس خانىم، فىل گازلېي ئەپەندىدىن سوئال سورىغاندا، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىن قېچىپ چەت ئەللەردە كۆچمەنلىك ھاياتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا كۆچمەنلەرگە ئوخشاش جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئائىلىسىنى بېقىش بېسىمىدىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي بېسىم، ھەتتا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئانا يۇرتى، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش، يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن نورمال ئالاقە قىلالماسلىق، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى سەۋەبلىك، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان قارا قولىدىن قورقۇشتەك بىر قاتار روھى بېسىملاردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى سورىغان.

مەزكۇر سۆھبەت پىروگراممىسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم، 12-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ ئامېرىكادا بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ توردا مەسلىھەت بېرىش پىروگراممىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى»، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە بىل كلاركقا ئوخشاش ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەر ھەم دوختۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان توردا مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى ئىكەن. قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى تور سۆھبەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

«ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2020-يىلى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى»، توردا مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، مەسىلەن، سۈنئىي زەھەر فېنتانىلدىن زەھەرلىنىش پاجىئەلىرىگە ئوخشاش ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ مەخسۇس لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان چۈشكۈنلۈك ۋە پىسخىك بېسىملارنى قانداق ھەل قىلىش توغرىلىقمۇ ياردەم بەرگەن ئىكەن.

ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم يەنە «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋە دىنىي بېسىملىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە كۈچلۈك روھىي بېسىملارنى پەيدا قىلغانلىقىنى، يەنى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلاردا يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن نورمال تېلېفون ئالاقىسى قىلىشتىن ئەنسىرەش، ھېيت-بايراملاردا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن نورمال تېلېفون ئالاقىسى قىلىشقا ئامالسىز قېلىش، تېلېفون ئالاقىسى قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سۆز ئىبارىلىرىدە زىيادە ئېھتىياتچان بولۇشتەك روھىي ۋە پىسخىكىلىق بېسىملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىكلەرگە «شىنجاڭ ساياھىتى» نى ئېچىۋېتىش تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ خىتايدىن ۋىزا ئېلىپ يۇرتلىرىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىدىن ئەنسىرەپ يۇرتلىرىغا قايتالمايۋاتقان ئۇيغۇر لار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنىڭمۇ «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ سۆھبەت پىروگراممىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.