دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قارارىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىمىز
2022.05.05

5-مايدىن باشلاپ د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق فوندى رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە نورۋېگىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە نورۋېگىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان.
نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۈگۈن نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نورۋېگىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئەتە يەنە بىرقىسىم مۇھىم سىياسىي شەخسلەر ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر ئالدىنقى ھەپتە د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، فىنلاندىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ب د ت تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش، بۈگۈنكى سۆھبەتلەردىمۇ نورۋېگىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئوخشاش تەلەپنى قويغانلىقىنى، بۈگۈنكى سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.