ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرى تۈگرە (جۇۋاۋا) نىڭ خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغانلىقىنى كەسكىن رەت قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.01.31
mehmud-qeshqeri-kashigheri-xi-jinping-tarix يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ساختا، بىمەنە ۋە ئاساسسىز «بايقاش» لارنى بازارغا سالغان. ئۇلار تۇرپان ئاستانە تەۋەسىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە دائىر تېپىلمىلارنى قايتىدىن ئىزاھلاپ چىققان
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ساختا، بىمەنە ۋە ئاساسسىز «بايقاش» لارنى بازارغا سالغان. ئۇلار تۇرپان ئاستانە تەۋەسىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە دائىر تېپىلمىلارنى قايتىدىن ئىزاھلاپ چىققان. ئۇلار بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقىنى، تۈگرە (خىتايچە «جۇۋاۋا» ) قاتارلىق بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىچكىرى خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل ئاتالمىش «مەدەنىيەت تەسىرى» تەشۋىقاتى ئارقىلىق، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەيدىغان سىياسىي سەپسەتەسىنى يەنە بىر قېتىم بازارغا سالماقچى بولغان.

ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ ئاساسسىز تەشۋىقاتىغا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇردى.

 «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى كۆرگەزمە زالىدا تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ دەۋرىگە ئائىت بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇلار بۇنىڭدىن بىر نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى باھار بايرىمىدا يېيىلىدىغان كەچلىك غىزا مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر تۈركۈم تۈگرە (جۇۋاۋا)، كەسمە چۆپ، نان ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئەۋرىشكىلىرى تىزىلغان. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل يوپۇرماق شەكىللىك ۋە ئاي توقاچ شەكىللىك ئۇششاق يېمەكلىكلەر، بۈگۈنكى باھار بايرىمىدا مېھمانلارغا بېرىلىدىغان پېچىنە-پىرەنىكلەرگە ناھايىتى ئوخشايدۇ» .

تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان پېچىنە-پىرەنىك ۋە تۈرمەل
تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان پېچىنە-پىرەنىك ۋە تۈرمەل
ts.cn

مەزكۇر خەۋەردە «شىنجاڭ مۇزېيى» تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئادىل ئابلىزنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «ناشتىلىقتا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يېيىش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان ئوزۇقلۇق ئادىتىدۇر. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە ئۇقۇمى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان تاماق مەدەنىيىتىگە ئائىت يادىكارلىقلىرىدا تولۇق گەۋدىلەنگەن».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىگە باغلاپ ئىزاھلايدىغان بۇ خىل خىتاي مەركەزچىلىك سەپسەتەسىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېمەكلىك ئادىتى ۋە شەكلىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باھار بايرىمىدا تۈگرە (جۇۋاۋا) يېيىش دۆلىتىمنىڭ شىمالىدا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەت. كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت تۈگرە (جۇۋاۋا) لەر بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان بولۇپ، ھىلال ئاي شەكلىدە. ئۇلارنىڭ جىلتىسى نېپىز، قىيمىسى بولۇق بولۇپ، تۇرپان ئاستانەدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان. بۇ كۈنىمىزدىكى تۈگرە (جۇۋاۋا) لارغا ئوخشايدۇ. بۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي رايونلارغا تارقالغانلىقىنى، تۈگرەلەرنىڭ تۇرپان ئاھالىلىرى دائىم يەيدىغان يېمەكلىككە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» .

تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان پېچىنە-پىرەنىك ۋە تاۋاق
تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان پېچىنە-پىرەنىك ۋە تاۋاق
ts.cn

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور قاھار بارات يۇقىرىقى بايانلارنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇغداي شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا تارقالغان. بۇ بىر تۈركۈم يېمەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئۆسۈملۈك شەكلىگە تەقلىد قىلىپ ياسىلىشى بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، تۈگرە (جۇۋاۋا) قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئۇيغۇرلاردىن خىتايغا تارقالغان» .

دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاڭ سۇلالىسىگە ۋە خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىغا باغلاشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن يېمەك-ئىچمەكلىرى، ئۆي جاھازلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، شۇنداقلا ئوتياش ۋە كۆكتاتلىرى خىتاي رايونلىرىغا تارقالغان».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتاينىڭ خەن-تاڭ سۇلالىلىرىگە ھەمدە چاغانغا باغلاپ تەشۋىق قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇ زېمىن تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتىغا بازار تېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پىروفېسسورى، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى مۇتەخەسسىسى جەيمىس مىللۋارد (James A. Millward) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق دېيىشى توغرا ئەمەس. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىنى تەكىتلەش زۆرۈر: بىرى، خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى مەركەز قىلغان تارىختىكى ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ بۇ رايونغا قارىتا كۈچلۈك بىر تەسىرى بولمىغان. بۇ خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان. تاڭ دەۋرىدىن، يەنى مىلادىيە 750-يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە قەدەر، يەنى 1759-يىلىغىچە، مىڭ يىلدەك ئۇزۇن جەرياندا، خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ بۇ رايوندا ھېچ بىر تەسىرى ياكى ئەمەلىي كونتروللۇقى بولمىغان. ئىككىنچىسى، خىتاي تارىخىدا بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى داۋام قىلغان بىرلىككە كەلگەن سىياسىي كۈچ بولغان ئەمەس. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بۆلۈنمە، ئۇششاق ھاكىمىيەتلەر دەۋر سۈرگەن. بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ شىنجاڭنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دېگىلى بولسۇن؟»

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2022-يىلى 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى تۈپتىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى. بۇلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئاددىيلا تونۇش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە. تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخ ئىزلىرىنى قايتىدىن ئىزاھلاپ، ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاشقا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى مۇبالىغە قىلىپ كۆپتۈرۈشكە» ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە «مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇش» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك پەرقلىق ناملار ئاستىدا، مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.