خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنىغا قاتناشقان شاھىت گۈلپىپيە قازىبېك: «ھەممە ئىش بىر كېچىدە تۇيۇقسىز باشلاندى»
2024.01.22
گۈلپىيە قازىبېك 1999-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى» تارماق مەكتىپىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، غۇلجا ناھىيەسىگە قاراشلىق دۆڭمازار بازىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىرى بولۇپ تەقسىم قىلىنغاندا، كۆڭلىگە كەلگۈسىدە بىر داڭلىق دوختۇر بولۇش ئارزۇسىنى پۈككەن ئىدى. لېكىن ئۇ 1999-يىلدىن تاكى 2019-يىلغىچە 20 يىلدەك غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار، قاراياغاچ، ئەۋلىيا يېزىلىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.
گۈلپىيە قازىبەگ ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايوندىكى مىليونلىغان ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ ھاياتى ئۈچۈنمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. ئۇ، بىر يېزا پىلانلىق تۇغۇت كادىرى بولۇش سۈپىتىدە، 2017-يىلى باشلانغان شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى» نامىدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلىدۇ. گۈلپىيە قازىبېكنىڭ ئېيتىشىچە، «ھەممە ئىش، 2017-يىلىنىڭ بىر كېچىسى تۇيۇقسىز باشلانغان».
گۈلپىيە قازىبېك 2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئائىلە مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۆزىنىڭ ئەۋلىيە يېزىسىدا شاھىت بولغان تراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى بولۇش سۈپىتىدە خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىغا مەجبۇرى قاتنىشىپ، باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى، تەسىرى، ئۇنىڭ شىددەتلىك دەرىجىسىگە شاھىت بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى سابىق يېزا كادىرلىرىنىڭ بىرىدۇر.
تۆۋەندە گۈلپىيە قازىبېك بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ 1-قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.