تۈركىيەدە ئوقۇغان سۈبھى تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.08.04
تۈركىيەدە ئوقۇغان سۈبھى تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى دەلىللەندى تۈركىيەنىڭ بىر خەلقئارالىق شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇدىكى شۆبىسىدە ئىشلەۋاتقاندا ئۈرۈمچى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن «توردىن چۈشۈپ قالغان گۇماندالار» قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان سۈبھى تۇرسۇن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس).
Oqurmen teminligen

ئىنكاس قىلىنىشىچە، تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ بىر خەلقئارالىق شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سۈبھى تۇرسۇن، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن 2021‏-يىلى كۈزدە مەزكۇر شىركەتنىڭ گۇاڭجۇدىكى شۆبىسىگە يۆتكەلگەن. ئارىدىن بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى بۇ يىل 1-ئىيۇل كۈنى ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن «توردىن چۈشۈپ قالغان گۇماندالار» قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى خادىمى، سۈبھى تۇرسۇننى غالىبيەت ساقچىخانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن 6‏-يىلىغا قاراپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، رايوندا تۇتقۇن قىلىش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە كېچىلىرى ئۆيلىرىگە ساقچىلار باستۇرۇپ كىرىپ تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئالماقتا. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۈرۈمچىلىك بىرەيلەننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1‏-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىدىن بىرىنىڭ ئوغلى بولغان سۈبھى تۇرسۇن تۇتقان قىلىنغان.

سۈبھى تۇرسۇننىڭ تۇتۇلۇشى ھەققىدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىمۇ بەلگىلىك ئۇچۇرالارغا ئېرىشكەن. مەزكۇر فوندنىڭ يېتەكچىسى، پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن سۈبھى تۇرسۇن، 2010-يىللىرى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ۋە ئوقۇشى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ مەلۇم خەلقئارالىق شىركتىدە خىزمەت قىلغان. شىركەت ئۇنى بۇلتۇر كۈزدە ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇدىكى شۆبىسىگە خىزمەتكە يۆتكىگەن. ئۈرۈمچىنىڭ ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يېنىدىكى بىر ئاھالىلەر كومېتىتىغا نوپۇسلۇق بولغان سۈبھى تۇرسۇن، بۇ يىل 7-ئايدا ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەر-ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە خىتاينىڭ كۆزىتىش تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى ئىنچىكە كۆزىتىلىدىغان 25 سەزگۈر دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى تۈركىيەدىن يۇرتىغا قايتقان خىتاي ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ۋەتەندىشى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

بۇلاردىن 41 يىللىق تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ھازىرغىچە قىلىنماقتا.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، سۈبھى تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ باققانلىقى ياكى شىركىتى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق ئېنىقلىشىچە، سۈبھى تۇرسۇننى ئۈرۈمچىنىڭ غالىبىيەت ساقچىخانىسى تۇتقۇن قىلغان.

تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى خادىمى، سۈبھى تۇرسۇننى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما بۇ خادىم غالىبىيەت ساقچىخانىسىنىڭ سۈبھى تۇرسۇننى گۇاڭجۇغا بېرىپ تۇتقانلىقى ۋە ياكى سۈبھى تۇرسۇن ئائىلىسىنى يوقلىغىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە تۇتۇقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى. بۇ خادىم يەنە سۈبھى تۇرسۇننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاپ بەرمىدى.

پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، سۈبھى تۇرسۇن، فۇجيەن ئورمانچىلىق ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىسى زۇليار ياسىن بىلەن تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە بىر ياتاقتا ياتقان بولۇپ، ئۇنىڭ زۇليار ياسىن دېلوسىغا چېتىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى مۇمكىن ئىكەن.

تۈركىيەدىكى مەزكۇر مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۈبھى تۇرسۇن گەرچە 2010-يىللىرى تۈركىيەگە چىققان بولسىمۇ، تېخى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتمىگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.