«ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار بولۇشى خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر»
2022.11.30

24-نويابىر كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونىدىكى «جىشاڭيۈەن» ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى بىناغا كەتكەن ئوت نەچچە ئونلىغان جانغا زامىن بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ئۆلگەن كىشى سانىنى 10 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى. بىراق رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ 40 تىن ئوشۇقلۇقى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قاتتىق يۇقۇم قامالى سەۋەبىدىن ئۆيگە قاپسىلىپ ئولتۇرغان بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقە بولۇپ ئەتىسى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 10 نەپەر، يارىلانغانلار 9 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھازىرغىچە ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 7 نەپىرىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھازىرغىچە ئەپ بارغان ئىزدىنىشلىرىمىزدە ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن جەمئىي 9 كىشىنىڭ رەسىمىنى تاپتۇق. بۇ رەسىملەردىكى 7 كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك مەلۇماتلىرى قولىمىزدا مەۋجۇت. رەسىملەردىكى ئىككى بالىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تېخى ئېنىقلاۋاتىمىز. ئىسىم-فامىلىسى ئېنىق بولغان 7 كىشىنىڭ 2 نەپىرى چوڭلار، 5 نەپىرى كىچىك بالا. بۇ بالىلارنىڭ تۆتى ئوخشاش شۇ ۋەقەدە ئۆلگەن قەمەرنىسا ئابدۇراخمان خانىمنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئىمران، ئابدۇراخمان، نەھىدە ۋە شەھىدە. ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى ئېلزات ئېزىز بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 13 ياش. كىملىكى ئېنىقلانغان چوڭلاردىن يەنە بىرىنىڭ ئىسمى باھارگۈل. ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار، ھازىر بىز مانا بۇ ئىككى بالىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئېنىقلاۋاتىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئوت ئاپىتىدە 4 پەرزەنتى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان قەمەرنىسا خانىمنىڭ يولدىشى ئەسلى خوتەنلىك داڭلىق بايلاردىن بولغان ئېلى مەتنىياز بولۇپ، ئۇ 2017-يىلىدىكى تۇتقۇندا چوڭ ئوغلى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ كەتكەن. ئۇ ھازىر خوتەندە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.
بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە قاتتىق قامال يۈرگۈزۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى 4 ئايدىن بېرى ئۆيىدىن چىقالمايۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا ئائىت تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئىزچىل ھالدا «يۇقۇم ۋەزىيىتى ئېغىر رايونلار» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئېغىر قامال ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق پاجىئەگە پەقەتلا ئوت ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خالىغانچە تۇتقۇنى ھەمدە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئالاھىدە قاتتىق يۇقۇم كونترول تەدبىرلىرى سەۋەب بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە بۇ قەدەر كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹دائىرىگە ئېلىپ باشقۇرۇش›، ‹قاتتىق قامال قىلىش› تەدبىرلىرى سەۋەب بولغان، يەنى بىرى، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەرلەرنىڭ ئۆيىدە بولماسلىقى سەۋەب بولغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى يالغۇز ئوت ئاپىتى ئەمەس، بەلكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى قاتتىق قامال قىلىشتەك سىياسەتلەردۇر. يۇقۇم مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى قامال تەدبىرلىرى ئالاھىدە قاتتىق. توسۇقلار قاتمۇ-قات. بۇنداق توسۇقلار كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن مەزگىلىدىلا باشلىنىپ بولغان».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۈرۈمچىدىكى 24-نويابىر پاجىئەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتىكى ئوت ئاپىتىدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئاددىيلا بىر ئوت ئاپىتى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى بولۇپ، تېخى ئارىدىن 4 كۈنلا ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ ئوت ئاپىتى ھەققىدە باشقا ھېچقانداق يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، ھازىرغىچە دائىرىلەر تېخى ۋەقەدە ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 10 كىشىنىڭمۇ كىملىكلىرىنى ئېلان قىلمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوت ئاپىتىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مىللىتى قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە سىرلىق بىر شەكىلدە بۇ مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ ھەرخىل سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.