ئەنگلىيە ئۇيغۇر جامائىتى مانچېستېردا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 11-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار سەنئەت ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالىغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

مەزكۇر فېستىۋالغا ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، فېستىۋالغا قاتناشقان ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم كۈندە ئىككى قېتىمدىن فېستىۋال ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە شائىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. بىز بۇ ھەقتە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتكە يەنە ئەنگلىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «13-چېسلا ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئافسىلخان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلى جۇلى ۋوراد خانىم بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە لاگېرلار ھەققىدە تەپسىلىي پاراڭلاشتۇق. جۇلى خانىم ‹جاۋابسىز قالغان تېلېفون› نىڭ كۆرسىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنى قوللاش يۈزىسىدىن ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. مەزكۇر پائالىيەتكە مانچېستېردىكى قېرىنداشلار ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن قاتناشتى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان يەرمەنكە ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى ۋە تونۇشتۇرۇلدى.»

پائالىيەتتە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتتە بولغان. پائالىيەت جەريانىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئىشلىگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەنگلىيەگە ئاڭلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. چۈنكى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالدا. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈپەيلىدىن مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئازاب چەكمەكتە. بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى، مەزكۇر فېستىۋالدا 2 كۈندە 4 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بېرىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. چۈنكى بىرىتانىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىش، پارلامېنت ئەزالىرىغا، باش مىنىستىرغا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئەمەلىي قانۇن تۇرغۇزۇشقا، خىتايغا قارشى رەسمىي ھەرىكەت ئىلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

پائالىيەتكە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن 50 يېقىن كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىلىق تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن پائالىيەت جەريانىدا «ئۇيغۇر كۆزنىكى» تەسىس قىلىنغان. بىز مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا كۆپ كۈچ چىقارغان ئەركىن ھامىت ئەپەندىدىن پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سورىدۇق. ئەركىن ھامىت ئەپەندىم پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قاتتىق كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2020-يىلىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى يىلى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ جانلىق ئاڭلىتىشتىكى رولىنى تەكىتلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت