«ئەسەبىيلىككە قارشى تەشۋىقات نەمۇنىچىسى» خۇرشىدە كېرىم 20 يىل، ئىككى بالىسى 17 يىلدىن كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.01.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ramazan-mehelle-tekshurush.jpg مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ كەلگەن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 6-ئاۋغۇست، قەشقەر.
AP

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ناھىيەدە بىر مەزگىل «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تەشۋىقات نەمۇنىچىسى» بولۇپ داڭق چىقارغان خۇرشىدە كېرىمنىڭ ئۆيىدىن بىر «قانۇنسىز كىتاب» تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ «پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 2014 ‏-يىلى «تېرورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش» دولقۇنى قوزغىغان چېغىدا، بىر تەرەپتىن خالىغابچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئېغىر جازالاشنى يولغا قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋىيلىقنى تەشەببۇس قىلىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشىنى پەللىگە كۆتۈرگەن ئىدى. بۇ مەزگىللەردە زور بىر تۈركۈم دىنىي ۋە مىللىي نەشىر بۇيۇملىرى يىغىۋېلىنىش ۋە كۆيدۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، يەنى ماتېرىيللاردىكى مەزمۇنلار تەشۋىقات نەمۇچىلىرىنىڭ جاراڭلىق نۇتۇقلىرى ئارقىلىق رەت قىلىنغان، تەنقىد قىلىنغان ۋە ھەتتا مەسخىرە قىلىنغان ئىدى. مەھەللە ۋە ئۆي ئارىلىپ خىزمەت قىلغان بۇ تەشۋىقات نەمۇنچىلىرى يۇقۇرى مۇئاش، سەيلە-ساياھەت ياكى ئالاھىدە خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنە شۇ چاغدا داڭق چىقارغانلاردىن بىرى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزا قاراياغاچ كەنتىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە كېرىمدۇر.

2017‏-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، خۇرشىدە كېرىمنىڭ ئەينى چاغدىكى «شان-شەرەپ» لىرى بىردىنلا غايىب بولغان ۋە ئۆزى تەنقىد قىلغان كىشىلەر قاتارىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. قاراياغاچ يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىدىن بىر «قانۇنسىز كىتاب» تېپىلغانلىقى ئۈچۈن. «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق كىېسىۋېتىلگەن.

مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى سەپدىشى بولغان خۇرشىدە كېرىمنىڭ ئۆيىدىن تېپىلغان كىتابنىڭ قانداق بىر كىتاب ئىكەنلىكى، ئۇنى خۇرشىدەنىڭ ئۆزى سېتىۋالغانلىقى ۋە ياكى تەشۋىقات پائالىيىتى جەريانىدا ئاھالىلەردىن يىغىۋالغانلىقى؛ يىغىۋالغان بولسا ئۆزى ئوقۇش ئۈچۈن ساقلاپ قويغانلىقى ۋە ياكى دائىرىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان.

غۇلجا ناھىيەسدىكى بىر ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى، خۇرشىدە كېرىمنىڭ 20 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان مەزكۇر كىتابنىڭ نامى ۋە كونكىرېت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئۇ خۇرشىدە كېرىمنىڭ ئۆيىدىن قانۇنسىز كىتاب تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەشۋىقات سېپىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ۋە بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن تۇرۇقلۇق، بىردىنلا تەختى غۇلاپ جازالانغانلار، يالغۇز خۇرشىدە كېرىم ئەمەس. كورلا شەھىرىدە بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن تەشۋىقات نەمۇنچىلىرىدىن پاتىگۈل داۋۇتمۇ 2017 ‏-يىلى كۈزدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئەينى چاغدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىنى زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن پاتىگۈل داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى» بولغان يولدىشى نامان باۋۇدۇنمۇ تۇتقۇن قىلىنغان، ساقچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان قىزى خىزمەتتىن توختىتىلغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنغاندا 55 ياشلار چامىسىدا بولغان تەشۋىقات نەمۇنىچىسى خۇرشىدە كېرىمنىڭ 6 پەرزەنتى، 10 نەچچە نەۋرىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەردان ۋە مەۋلان ئىسىملىك ئىككى ئوغلى «پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 17 يىللىقتىن كېسىۋېترىلگەن.

خۇرشىدە كېرىم نۆۋەتتە غۇلجا شەھرىدىكى بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.