خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشتەك ئەجەللىك يوقۇتىش ئېلىپ بارماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-02-23
Share
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشتەك ئەجەللىك يوقۇتىش ئېلىپ بارماقتا 2017- ۋە 2018-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئىي 9 ئاي غۇلجانىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاگېرىغا سولانغان، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكادا داۋالىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم.
Photo: RFA

يېقىندا ئامېرىكاغا كەلگەن لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە باشقا جاسارەتلىك بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن قورقۇنچلۇق زۇلۇم ۋە خورلۇقلىرىنى ئاڭلىتىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان يەنىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلار مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇلار ھۆكۈمەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسپىي ۋە قانۇنىي ھۆكۈم چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان جىنايەت پاكىتىغا ئايلانغان.

بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە داۋاملىق سىستېمىلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا خىتاي تەرىپىدىن لاگېردا ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ھەر خىل قەبىھ شەكىللەردە تاجاۋۇزغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن تۇرسۇنئاي زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزى كۆرگەن تەشكىللىك باسقۇنچىلىق ۋە باشقا تۈردىكى تەكرار-تەكرار زورلۇقنىڭ پەقەت سوراق جەريانىدىكى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەر ئايال دەپ ئايرىماي، ئۇلارنى مىللەت سۈپىتىدە جازالاش ۋە ئىنسان سۈپىتىدە ۋەيران قىلىۋېتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغاندەك ئىنچىكە نۇقتىلارنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئۇ: «بۇنى قانداقتۇر ئۇلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خورلىشى دەپ قارىمايمەن، بۇ بىر خىل ئۇيغۇرلارنى جازالاش، ئۇلارنى ئۆزى ھايات بولسىمۇ ئۆلگەندىن بەتتەر بىر ھالغا چۈشۈرۈپ، نومۇس شەرىپىنى، ئىنسانلىق غۇرۇرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ۋاسىتىسى دەپ قارايمەن. چۈنكى ئاياللارلا ئەمەس ئەرلەرنىڭمۇ نومۇس شەرىپىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمما ئۇلار دېيەلمەيدۇ ئەلۋەتتە. بىز شۇنداق بىر ئېچىنىشلىق ئامالسىز بىر ھالەتتە. . .» دەيدۇ.

خىتاي دائئىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ لاگېردا قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئاخباراتقا تۇنجى ۋە ئاشكارا گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئەر لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكەلى، ئەرلەرنى يالىڭاچلاپ قويۇشقا ئوخشاش جازالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەرلەر لاگېرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ بىر شەكلى بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە باسقۇنچىلىق ياكى جىنسىي تاجاۋۇزغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى، باشقىلار ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ بۇنى ئۇلارنىڭ تىلغا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە ھەتتا ئەرلەرنىڭمۇ سوراق جەريانىدا ئۇلارنىڭ نومۇس شەرىپىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىبارەت قەبىھ جىنايەتنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە ئەمەس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا 2015-يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چەتئئەلگە چىققان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 15 ئاي جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن خورلۇقلار قاتارىدا، ئۆزىنىڭ جىنسىي خورلاش ۋە ئىززەت ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشتەك ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغانىدى.

نورۋېگىيەدىن زىيارىتىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ «خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا مەيلى ئايال ياكى ئەرلەرگە قارىتا جىنسىي خورلاش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش ئۇيغۇرلار چوقۇم يۈزلىنىشى شەرت بولغان رېئئال پاجىئە» دەپ كۆرسەتتى. ئابدۇۋەلى كەسكىن ھالدا: «ئۇيغۇرلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ياكى باشقا زوراۋانلىقلار ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە لاگېردا يۈز بېرىدۇ. خىتاينىڭ قانۇنسىز رەھىمسىز سىستېمىسىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئالدىدا مىللەت، سالاھىيەت ياكى جىنسىي پەرقى مۇھىم ئەمەس، ھەممىسى جىنايەتچى سۈپىتىدە ئىززەت ھۆرمىتى تاجاۋۇزغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. بۇ سوراق قىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ سىزنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇشنىڭ، ۋەيران قىلىۋېتىشنىڭ بىر قەبىھ ۋاسىتىسى خالاس» دەيدۇ.

ياۋروپادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەبىبۇللانىڭ، ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە 3-تۈرمىدە، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق قىيىن-قىستاقلارنىڭ ئۇنىڭ جىسمى ۋە روھىيىتىگە چوڭقۇر ۋە ۋەھىمىلىك يارىلارنى قالدۇرغانلىقىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس.

ئۇ تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يېنىك بولغاندا يالىڭاچلاپ تۇرغۇزۇپ قويۇش، ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ۋەھىمە سېلىش، بېشىنى پۈركەپ قويۇپ ھەر تۈرلۈك جىنسىي خورلاش قاتارلىق ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن ئىززەت-ھۆرمىتى تاجاۋۇز قىلىنغان. بۇ ئېغىر خورلۇقلار ئۇنىڭ بەدىنىدە ئېچىنىشلىق تاتۇق قالدۇرغان بولسا ئەمما بۇنىڭ پسىخىكىسىغا ئەكەلگەن زەربىسىنى ھازىرمۇ، ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ تەكرار تەكرار ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئۇ: «مەن پسىخولوگىيىلىك داۋالىنىۋاتىمەن، ئەمما بۇنىڭ قالدۇرغان ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلالمىدىم، بۇ ئىنسانلىقنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش ئۆلۈمدىن بەتتەر» دەيدۇ.

«يەرشارى قانۇنىي ھەرىكىتى» ئادۋوكاتلىق ئورنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە يېقىندا بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توپلىغان قانۇنىي دەلىل-ئىسپاتمۇ ئاساسەن، خىتاي دائئىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا قانۇنىي يەكۈنگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەتقىقاتچىلاردىن، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگان ۋە تەشكىلاتلىرىدا مەخسۇس زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قۇربانلىرىنى پىسخىكىلىق يېتەكلەشتە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەت ئىكەنلىكى، ئەر-ئاياللارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىگە تاجاۋۇز قىلىشنى خىتاينىڭ بىر دۆلەت تېررورلۇقى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئەمىليەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىنمۇ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىقىغا بىر مىللەت سۈپىتىدە ئەڭ ئەجەللىك زەربە بېرىلىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ باھا بەردى.

«خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم كېلىشىمى» دە كۆرسىتىلگەندەك، ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى-كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىش ياكى خورلاشتىن ئىبارەت كوللېكتىپ ھەرىكەتتىن كېلىپ چىقىدىغان ۋەقە بولۇپ، بۇ يېگانە ھالەتتە ياكى تاسادىپىي يۈز بېرىپ قالىدىغان ۋەقە بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ياكى ھۆكۈمەت يولغا قويغان بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش، سىياسىي، ئىرقىي، دىنىي جەھەتتە زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ 7-ماددىسىدا كونكرېت قىلىپ تۆۋەندىكىدەك 11 تۈرلۈك جىنايەت ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇلار: 1-قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشى، 2-ئىرقىي يوقىتىش، 3-قۇل قىلىش، 4-سۈرگۈن قىلىش ياكى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، 5-قاماققا ئېلىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئەركىنلىكىنى بوغۇش، 6-قىيناش، 7-جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، 8-قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش، 9-ئىز-دېرەكسىز غايىب قېلىۋېتىش، 10-مىللىي زۇلۇم سېلىش، 11-باشقا ئىنسانىي بولمىغان قىلمىشلار.

ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ۋە دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشمىغان دىكتاتور، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا يۈز بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەشكىللىك ئېلىپ بارغان بۇ سىياسەتلىرى ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئامېرىكا ۋە قىسمەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوت تەرىپىدىن سوتقا تارتىلىشى ۋە جازالىنىشىنى تەشەببۇس قىلىش كۈچەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت