مېھمانخانا خادىمى: «ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىلگىرىكىدەك، رايونلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش پەرقلىق»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.03.25
مېھمانخانا خادىمى: «ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىلگىرىكىدەك، رايونلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش پەرقلىق» خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

23-مارت كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە يول بويى ۋە مەيدانلاردىكى رىشاتكىلارنىڭ ئېلىۋېتىلىپ، كىملىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئادەمسىز قالغانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى.

بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلاردىن كورلا شەھرىدىكى مەلۇم نەشپۈتزارلىق ۋە خەلق مەيدانى ئىكەنلىكى بىلىنگەن بىر سىن فىلىمىدە خىتاي تىلىدا سۆلىگەن بىر ئەر كىشى: «ئادەمگىياھ باغچىسىدىكى ھەممە رىشاتكىلار ئېلىۋېتىلىپتۇ، بۇ رىشاتكىلار تېخى تۆنۈگۈن بار ئىدى، بۈگۈن ھەممىسى ئېلىۋېتىلىپتۇ،» دېگەن.

مەزكۇر سىن فىلىمىدە خىتاي تىلىدا سۆزلىگەن يەنە بىر ئايالمۇ خەلق مەيدانىدىكى رىشاتكىلارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىدىن خوشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «قاراڭلار، بۇ خەلق مەيدانى، بۇ يەر ئېچىۋېتىلىپتۇ. ھەتتا رىشاتكىلارمۇ ئېلىۋېتىلىپتۇ. قاراڭ، تەكشۈرۈشمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ. ئۇدۇل كىرسە بولىدىكەن، خەلق مەيدانى 24 سائەت ئېچىۋېتىلىپتۇ. ئەتىدىن باشلاپ بىز خەلق مەيدانىدا دەرس ئۆتسەك بولغۇدەك، بۇلتۇر خەلق مەيدانى بىر يىل تاقىۋېتىلگەن ئىدى، بۈگۈن ئاخىرى ئېچىلىپتۇ.»

مەزكۇر سىن فىلىمى تورغا قويۇلغاندىن كېيىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار يوللانغان. بەزى ئىنكاسلاردا بۇنىڭ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ياسىغان ساختا كۆرۈنۈش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنسە، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت سىستېمىسىنى بوشاشقانلىقنىڭ بىشارىتى» دېيىلگەن.

بۇنىڭغا قارىتا رادىيومىز كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ساقچى ئىدارىلىرى بىلەن ئاھالىلەر كومېتىتى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە-ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتى. ئەمما بۇ ئورۇنلارغا قىلغان تېلىفونلىرىمىز ئۇلانمىدى ياكى جاۋاپسىز قالدى.

توردىن ئىزدەش ئارقىلىق ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونىدىكى «ئۇنىۋېرسال مېھمانخانا» دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەتچى خادىمىغا تېلېفونىمىز ئۇلاندى. بۇ مۇلازىمەتچى خادىم «ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك چىڭ، ئەمما رايونلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمى پەرقلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېھمانخانا خادىمى بىلەن بولغان قىسقا سۆھبەت تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتى:

سوئال: مېھمانخاناڭلاردا چەت ئەللىكلەر قوبۇل قىلىنامدۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق ھازىر چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلىمىز.

سوئال: قاچاندىن باشلاپ چەت ئەللىكلەر قوبۇل قىلىنىدىغان بولدى؟

جاۋاپ: تېخى يېقىندىلا باشلىدۇق. سىزنىڭ يەنە سورايدىغان باشقا سوئاللىرىڭىز بارمۇ؟

سوئال: ھازىر ئەتراپنىڭ مۇھىتى قانداق؟ نازارەت كامېرالىرى بارمۇ؟

جاۋاپ: بار، شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا نازارەت كامېرالىرى بار.

سوئال: ئۇنداقتا، رىشاتكىلارچۇ؟ ئىلگىرى مەن كۆپلىگەن رىشاتكىلارنى كۆرگەن، ھازىرمۇ بارمۇ؟

جاۋاپ: رىشاتكىلار بۇرۇندىنلا بار.

سوئال: ھازىرمۇ بارمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق توغرا، ھازىرمۇ بار.

سوئال: ئاڭلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا يول بويىدىكى رىشاتكىلار بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئېلىۋېتىلىپتۇ. بىلمەكچى بولغىنىم، ھازىر رىشاتكىلار ئارقىلىق توسۇپ تەكشۈرۈش بىكار قىلىندىمۇ-قانداق؟

جاۋاپ: مەن تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئەھۋاللارنى ئېنىق بىلمەيمەن. چۈنكى ئۈرۈمچىدىكى ھەر بىر رايوندا يولغا قويۇلغان سىياسەت-تەدبىرلەر ئوخشىمايدۇ.

سوئال: تەڭرىتاغ رايونىدا سىياسەت بىرقەدەر چىڭمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق، بىرقەدەر چىڭ.

سوئال: تەڭرىتاغ رايونىدا سىياسىي تەدبىرلەر بىرقەدەر كۈچلۈك، شۇنداقمۇ؟ سىلەرنىڭ مېھمانخاناڭلار يېڭىشەھەر رايونىدىمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق.

سوئال: بۇ ئەتراپتا ئۇيغۇرلار كۆپمۇ؟ ياكى خەنزۇلار كۆپمۇ؟

جاۋاپ: خەنزۇلار بىر قەدەر كۆپ.

سوئال: خەنزۇلار كۆپ ئىكەندە؟ شۇڭا سىز بۇ رايوننى بىخەتەر دەپ قارايدىكەنسىز-ھە؟ ئۇيغۇرلار بار تەرەپتىكى تەكشۈرۈش قانداق؟ تەڭرىتاغ رايونىدا تەكشۈرۈش يەنىلا نىسبەتەن چىمڭمۇ؟

جاۋاپ: شىنجاڭدا ھەممە جاي بىخەتەر. ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

سوئال: يول بويىدا قاتناش ساقچىلىرى ۋە باشقا ساقچىلار بارمۇ؟

جاۋاپ: بار.

سوئال: كوچا چارلىغۇچى ساقچىلار ھازىرمۇ بارمۇ؟

جاۋاپ: بار، ئىلگىرىدىنلا بار ئىدى.

سوئال: ساقچى ۋە ساقچى ماشىنىلىرى بار، شۇنداقمۇ؟

جاۋاپ: توغرا بار. شىنجاڭ ئىنتايىن بىخەتەر.

سوئال: بۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردىن پەرقى قەيەردە؟ بىلىشىمچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردە بۇنداق جىق ساقچىلار بولمىسا كېرەك.

جاۋاپ: ھەممىسى جۇڭگونىڭ يېرى، كۆپ پەرقى يوق.

سوئال: ساڭخەي، بېيجىڭلاردا بۇنداق كۆپ ساقچىلار بولمىسا كېرەك، ئەمما ئۈرۈمچىدە ساقچىلار يەنىلا شۇنداق كۆپ ئىكەن.

جاۋاپ: شۇنداق، ئىنتايىن بىخەتەر دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ، خانىم.

سوئال: ساقچىلار كۆپ شۇڭا مۇشۇنداق دەۋاتامسىز؟

جاۋاپ: ئۇنداق ئەمەس. . .

سوئال: ھازىر مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق؟ زىديەت-توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتامدۇ؟

جاۋاپ: ئۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، خانىم.

سوئال: شۇنداقمۇ؟ چۈنكى ساقچىلار كۆپ، مۇقىملىق تەدبىرلىرى كۈچلۈك، نازارەت كامېرالىرى كۆپ، سىز مۇشۇنداق ھېس قىلامسىز؟

جاۋاپ: مەن بۇنداق قارىمايمەن.

سوئال: ئۇنداقتا، سىزىڭ قارىشىڭىز قانداق؟

جاۋاپ: خانىم، سىزنىڭ يەنە باشقا ئىشڭىز بارمۇ؟ مەن ھازىر خىزمەت بېجىرىۋاتىمەن.

سوئال: بىلدىم، مەن پەقەت ئەتراپنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئوقاي دېگەن.

جاۋاپ: بۇ يەر ئىنتايىن بىخەتەر. پۈتكۈل شىنجاڭ ئىنتايىن بىخەتەر.

سوئال: سىز يىغىۋېلىش لاگىرى، تەربىيىلەش مەكتەپلىرى دېگەن جايلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

جاۋاپ: ياق، خانىم، مەن ئۇنداق جايلارنى بىلمەيمەن.

سوئال: ئۈرۈمچىدىكى بارلىق مېھمانخانىلار چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلامدۇ؟

جاۋاپ: مەن باشقا مېھمانخانىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىكەنمەن.

مۇشۇ جاۋاپتىن كېيىن مېھمانخانىنىڭ بۇ مۇلازىمەتچى خادىمى باشقا بىرەيلەننى چاقىردى ۋە تېلېفونىمىز ئۈزۈلدى.

چەت ئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گوللاندىيەدىكى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كورلا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە رىشاتكىلارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئۇنداق تېز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيا خانىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ئاھىلىلار كومېتىتىدا ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك بوشاش ۋەزىيىتىنىڭ قايتا بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد يوقلىقىنى، ھەتتا مۇمكىن ئەمەسلەكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.