كارل گېرشمەن: «ئۇيغۇرلار ئۆز ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىنى يوقاتمىسىلا، مەڭگۈ ياشايدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.10.10
ئۇيغۇر رەھبەرلەر كارل گېرشماننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تون كىيدۇردى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان(Carl Gershman) ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تون كىيدۈردى. 2021-يىلى 30-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

«ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن سۆز بۈگۈن دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەردە ساقلىنىۋاتقان بىر ھەقىقەتتۇر.

ئامېرىكادىكى دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمەن (Carl Gershman) يېقىندا «يەھۇدىيلار ژۇرنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ھەرگىز ئۆتمۈشتىكى قۇللۇق تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، دۇنيادا پىرئەۋىندەك مۇستەبىتلەر مەۋجۇت بولىدىكەن، قۇللۇق ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە چېدىر بايرىمى (Sukkot Festival)» ناملىق بۇ ماقالىدە، «يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇللۇق تارىخىنى خاتىرىلەش مەجبۇرىيىتى بار، خۇددى «تەلمۇد» تا ئېيتىلغىنىدەك، ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا مۇھاكىمە قىلىش كېرەك» دېگەن سۆزلەر نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، تارىختىكى مىسىر پادىشاھى پىرئەۋىنگە ئوخشاش مۇستەبىت شى جىنپىڭ، ۋىلادىمىر پۇتىنلارنىڭ پەقەت ئۆز غەلىبىسىنى داغدۇغا قىلىپ، مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرىدىغانلىقى، چۈنكى ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن قورقىدىغانلىقى، ھالبۇكى ئاخىرقى غەلىبىنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مەغلۇبىيىتىنى كۆرەلىگەن، ئېسىدە تۇتالىغان ۋە ئىبرەت ئالالىغانلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم ۋە ئامېرىكادىكى دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمەن(Carl Gershman) ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى)د ئۇ ق نىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» ئالغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم ۋە ئامېرىكادىكى دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمەن(Carl Gershman) ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى)د ئۇ ق نىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» ئالغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
RFA/Ekrem

كارل گېرشمەن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماقالە 28-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆزلىگەن سۆزۈمنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان. مەن بۇ كۈنى، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ چېدىر بايرىمى باشلىنىدىغان كۈنى سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلدىم. بۇنىڭدا مەن، يەھۇدىيلارنىڭ چېدىر بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆتمۈشىنى، مىسىردا قۇل قىلىنغان كەچمىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەكىتلىدىم. شۇنى دېدىمكى، يەھۇدىيلار ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، كۈچلەنگەن بولسىمۇ ئۆتمۈشتىكى كۈلپەتلىرىنى، قۇللۇقتا چەككەن ئازابلىرىنى ئەسلەش، تارىخ بىلەن بۈگۈننى سېلىشتۇرۇش، زالىم پىرئەۋىن بىلەن بۈگۈنكى مۇستەبىت شى جىنپىڭنىڭ ئوخشاشلىقىنى تونۇش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئىبرەت-ساۋاق ئالالايدۇ. چۈنكى مۇستەبىتلەر ئۆز خاتالىقى ۋە مەغلۇبىيىتىنى تەن ئالمىغانچە تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ ۋە ئۇزاق مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يەھۇدىيلارنىڭ چېدىر بايرىمى ئۇلارنىڭ كۈزلۈك مول-ھوسۇلنى تەبرىكلەش بايرىمى بولۇپ، قەدىمدىن بېرى ئىسرائىلىيە قوۋمىنىڭ دېھقانلىرى ھوسۇل ئالغان ئاشلىق ۋە مېۋە-چېۋىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىغا ئاپىرىپ سەدىقە قىلىدىكەن. بۇ چاغدا، ئۇلاردىن قەسەمنامە ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن، بۇ قەسەمنامىدە يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىش ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ مىسىرغا بارغانلىقى ۋە ئۇ يەردە قۇل قىلىنغانلىقى، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ، مۆجىزىلىك بىر شەكىلدە ئۇلارنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرغان جايغا باشلاپ بارغانلىقى بايان قىلىنىدىكەن.

يەھۇدىيلارنىڭ پاسخا بايرىمى بىلەن چېدىر بايرىمى ئۇلارغا ئەڭ ھۆر، بەختىيار كۈنلىرىدە ئەڭ ئېغىر قۇللۇق ئازابى چەككەن بالايىئاپەتلىك كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىدىغان بايرام بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشكەن، ئەركىنلىك ۋە بايلىققا چۆكۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا مەغرۇرلىنىپ كەتمەي، ئۆتمۈشتىكى قاباھەتلىك كۈنلىرىنى ئەسلەپ كەمتەر بولۇشقا، پەرۋەردىگارنىڭ نېمەتلىرىگە ياخشىلىق بىلەن شۈكۈر ئېيتىشقا ئۈندەيدىكەن.

بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ بىر ئىبرەت ئەينىكى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ھەمدە خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇرلاردىمۇ «ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇما، شىر چورۇغۇڭنى قۇرۇتما» دېگەن ماقال-تەمسىللەر بار. ئەمما ئۆتمۈشىمىز ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ۋە تارىخىي خاتالىقلارنى تەكرارلاش پاجىئەلىرى بىلەن تولغان. «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ يىللاردىن بېرى خىتايغا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ۋەتەنگە بېرىشى ياكى بېرىشقا تەرەددۇتلىنىشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.

خىتايلار ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇمىغانلىقى، تارىخچىلىرى ھەر بىر دەۋرنى خاتىرىلەپ ماڭغانلىقلىرى ئۈچۈن، تارىختىن ساۋاق ئېلىشلىرى مۇمكىن بولغان، ئۇلار نەچچە يۈز يىللار شىمالدىكى مىللەتلەر، موڭغۇللار، مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قۇل بولۇپ ياشىغان بولسىمۇ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆز دۆلىتىنى قۇردى ھەمدە مانجۇلار بىلەن موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، بۈگۈنكى ھالغا ئېلىپ كەلدى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «مىسىردىن چىقىش ھېكايىسى» نى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇ ھېكايە ئېتىقادنىڭ كۈچى بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارنى كۈچلۈك، چىدامچان، سەۋرچان ھەم كۈرەشچان قىلىپ، 2000 يىللىق سەرسانلىق ۋە زىيانكەشلىكنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىرىدىن ساقلاپ قالغان.

بۇ ماقالىدە يەنە شارانىسكى ئىسىملىك بىر لاگېر شاھىدىنىڭ كەچمىشلىرى ۋە سۆزلىرى مىسال كەلتۈرۈلگەن. شارانىسكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇلاگلىرىغا قامالغان بىر مەھبۇس بولۇپ، ئۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، «ئىبلىستىن قورقماسلىق» ناملىق بىر ئەسلىمە يازغان، بۇ ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇپ چىقالىشىدىكى سەۋەبنى، تارىخنىڭ ھەرگىز سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن باشلانمىغانلىقىنى ھەر دائىم ئۆزىگە تەكىتلەپ تۇرۇشىغا باغلىغان. يەنى ئۇ «يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىش ھېكايىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ، تارىخ سەن بىلەن بىللە» دېگەن گەپنى ئۆزىگە دائىم تەكرارلاپ تۇرغان.

شارانىسكى نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە، بولۇپمۇ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈچلۈك ئاۋاز چىقارغان. ئۇ بۇ يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆز قىلىپ: «ئەركىن دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قورقۇنچلۇق زىيانكەشلىك قىلىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لاگېرلارغا قامىدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتلىق كۈرەشلىرىنى قوللىشىمىز كېرەك. كىچىككىنە قوللاشلارمۇ چوڭ تەسىر پەيدا قىلالايدۇ» دېگەن.

كارل گېرشمەن ئەپەندى شارانىسكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شارانىسكى شۇنى ئەستىن چىقارمىغانكى، ئۇنىڭ خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان خەلقى ئۇنىڭغا كۈچ بەرگەن. ئۇ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، ئەركىن ئىنسانلار ئۈچۈن بۇنىڭ ھەرگىز سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى، مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان خەلققە ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى».

كارل گېرشمەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خانۇكا بايرىمىدا نيۇ-يورك شەھىرىدە چوڭراق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنى، لاگېرلارغا قامالغان 1 مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەر بىرىگە ئاتاپ بىردىن شام يېقىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشتىن ئىلھام ۋە كۈچ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش تارىخى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى مۇئەييەن ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، كارل گېرشمەن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئۇلار ‹بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز بىزنى ئۇيغۇرلارغا قوللاشقا ئۈندەيدۇ› دەپ قارايدۇ. تەۋراتتىمۇ، ئىنجىلدىمۇ ‹ياتلارنى ياخشى كۆر، بولۇپمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى ياخشى كۆر› دېگەن تەلىماتلار بار. يەھۇدىيلار ئۆزىمۇ كۆپ زۇلۇم چەككەن. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ مىسىردا ياتلار، قۇللار ئىدى، شۇڭا ‹ياتلار›نى قوللىشى كېرەك. تەۋرات بىلەن ئىنجىلمۇ ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ».

كارل گېرشمەن، بۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىش ھېكايىسى ۋە كۈرەش تارىخىدىن ئىلھام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ بەلكىم ئۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندا تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشى مۇمكىن. مۇستەبىت شى جىنپىڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنى قانداق يازغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆز تارىخىنى قايتا يازىدۇ، زامانىۋى پىرئەۋىن-شى جىنپىڭنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىگە باغلىقتۇر. مەن ئاشۇنداق بولۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

كارل گېرشمەن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ سۆزىنى قايتا تەكىتلەپ: «مەن بۇ ماقالىدە ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بەرمەكچى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھېكايىنى بىلىشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە مەۋجۇتلۇق يولى تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. سۆزۈمدىمۇ، ماقالەمدىمۇ بۇنى ئوتتۇرىغا قويدۇم».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.