لاگېر شاھىتلىرى: «ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇش ئېلانلىرىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى مەۋجۇت»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2025.02.13
uyghur-xitay-toylishish-toy-nikah ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىنىش دولقۇنى ئارقىسىدىكى سىرلار
Photo: RFA

ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلارغا تونۇشتۇرىدىغان «لايىق تونۇشتۇرۇش» ئورۇنلىرىنىڭ ئېلانلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تىك-توك، يەنى دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بارغانچە كۆپەيمەكتە.

بۇ ئېلانلارنىڭ بەزىلىرىدە، ئەگەر ئۇيغۇر قىزلىرى رازىلىق بەرسىلا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي بويتاق ئەرلىرىنىڭ توي قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى، نىكاھ رەسمىيەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنداق بىر جۈپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ۋەدە قەيت قىلىنغان.

بۇنداق سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزىلىرىدە، خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي-مەرىكىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى كۆرسىتىلسە، يەنە بەزىلىرىدە تويى بولغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتايچە كىيىندۈرۈلۈپ، خىتايچە تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ كۆچۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم، بۇ خىلدىكى سىن فىلىملىرىنى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تارتقۇلارغا ئەڭ كۆپ يوللىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تونۇشتۇرىدىغان بۇ خىلدىكى «لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى» تېزلىكتە كۆپەيمەكتىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى» نىڭ توردىكى ئېلانلىرىدا يەنە، خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي رەسمىيەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىلىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن.

«دوۋيىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يەنە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشى ۋە ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ خىتاي قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىشىگە مىللەت پەرقىنىڭ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

12-فېۋرال كۈنى «دوۋيىن» دا تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، ئۆزىنى ئاقسۇدىكى مەلۇم «لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى» نىڭ خادىمى دەۋالغان بىرەيلەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى پەرقلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشىغا نارازىلىق ئىنكاسلىرى يازغانلارنى ئەيىبلىگەن. ئۇ ھەتتا تەھدىت قىلىپ، ئىسىمسىز يېزىلغان بۇنداق نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇنداق كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى بېجىرىدىغان ئاتالمىش «لايىق تونۇشتۇرۇش» ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» نامىدىكى «ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى رول ئوينىماقتا ئىكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ 2017-2018-يىللىرى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تويىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر خانىم، گەرچە ئەينى چاغدا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆرۈنۈشتە بۇ تويغا رازى بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» قالپىقى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش ئەۋج ئالغان بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى» نىڭ بۇ خىل توي ئېلانلىرىدا ۋە «ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلاشما توي» ىنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ھالدىكى تەشۋىقات تۈسى ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن.

تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي تارىخىدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ۋە سىڭدۈرۈۋېتىش سىياسىتىنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبى بولۇپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر ئۆرنىكىگە ئايلانغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدا يەنە خىتاي نوپۇسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەر-ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئامىلىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولماقتىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردا يولغا قويۇلغان «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى سەۋەبىدىن خىتاي نوپۇسىدا ئەر-ئاياللار نىسبىتىدە ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بويتاق قالغان خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا بۇنى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماقچى بولغان.

ھالبۇكى، زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تويلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىلدىكى «لايىق تونۇشتۇرۇش» ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي بېسىملارمۇ سەۋەب بولماقتىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئېغىر سىياسىي بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ۋە تىرىكچىلىك غېمىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە تېپىرلاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقا تاللاش يوق بولۇپ، ئامالسىزلىق ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكتىن ئاشقان مىللىي خورلۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.