ئۇيغۇر ياش سەنئەتكارلىرى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سەنئەت فېستىۋالىدا ماھارەت كۆرسەتتى
2024.11.14
مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللىي سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش مەقسىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
ئەنە شۇنداق فېستىۋاللارنىڭ بىرى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ياش ئىجراچىلارنىڭ «قولۋاقلار دوستلارنى چاقىرىدۇ!» ماۋزۇسىدا 14-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋال مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ھەمدە ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسى (مۇزىكا ئىنستىتۇتى) تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن بۇ فېستىۋالدا ياش ئۇيغۇر ناخشىچى ۋە سازەندىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «قولۋاقلار دوستلارنى چاقىرىدۇ!» ماۋزۇسىدىكى 14-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋال مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئالاقىلەر ۋە دوستلۇق بويىچە كومىتېتى تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھېكىمەم ۋېلەموۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فېستىۋالنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئۇنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ فېستىۋالنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئەڭ تالانتلىق ۋە كېلەچىكى بار ياش ئىجادكارلارنى ئېنىقلاش ۋە ھەر تەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، ئۇلارنىڭ ئىجادىي قۇدرىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىجرا قىلىش ماھارىتى ۋە سەھنە مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەم بالىلار ۋە ياشلار كوللېكتىپلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى ئاممىبابلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. فېستىۋال شۇنداقلا قولايلىق پىسخولوگىيەلىك مۇھىتنى يارىتىش، ھەر خىل ئەللەرنىڭ بالىلىرى ئارىسىدا ئىجادىي، دوستلۇق ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىجادىي كوللېكتىپلار رەھبەرلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا ئوخشاش مەقسەتلەرنىمۇ كۆزلىدى. ئۇنىڭغا ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى، قوشنا مەملىكەتلەردىن، جۈملىدىن قازاقىستاندىن، قىرغىزىستاندىن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كۆپلىگەن ياش سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلدى».
ھېكىمەم ۋېلەموۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭغا قازاقىستاندىن خېلى كۆپ ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىلىرى قاتناشقان. مەسىلەن فېستىۋالغا پەقەت قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن «مەر-مەر» قازاق سەنئەت گۇرۇپپىسى، چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا مەكتىپىنىڭ سابىرجان ماناشېف رەھبەرلىكىدىكى «دوستلۇق» مىللىي ئانسامبىلى، بەختىيار ئىمران رەھبەرلىكىدىكى «دولان» مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى، شەھەرنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ گىمنازىيەسىدىن نادىيەم رېمباقىيېۋا باشچىلىقىدىكى «ياشلار ئاۋازى» ناملىق ناخشا گۇرۇپپىسى، ياركەنت شەھىرىدىن بەختىيار نىيازوفنىڭ «باختى» ئىستۇدىيەسى، ياركەنت تەۋەسىنىڭ چوڭ چىغان يېزىسىدىن ئوغلەم تايىروۋا رەھبەرلىكىدىكى «دىل ساز» مۇقام ئانسامبىلى قاتناشقان.
ھېكىمەم ۋېلەموۋا يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ فېستىۋال ھەر خىل يۆنىلىشلەردە بولدى. بىز ئالدى بىلەن فېستىۋالنى ئۆتكۈزۈش قائىدىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى مۇكەممەل تۈزۈپ، ئۇنى تەستىقلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا يوللىدۇق. فېستىۋال تۆت يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلدى. ئۆزبېكىستاندا 130 دىن ئوشۇق مىللەت ياشايدۇ. قىسقىسى، فېستىۋال ناھايىتى ئەتراپلىق، ئاممىۋى ھالدا ۋە قىزغىن ئۆتتى.»
فېستىۋالغا قاتناشقان چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن قۇرۇلغان، بىر قاتار جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ ساھىبى «دوستلۇق» مىللىي ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى سابىرجان ماناشېف ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
بىز يەنە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى گۈلنارا سايىتوۋا خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «باشتىلا شۇنى تەكىتلىگۈم كېلىدۇكى، ئۆزبېكىستاننىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ‹كاماز دوستلارنى يىغىدۇ› ناملىق ياش ئىجراچىلارنىڭ فېستىۋال مۇسابىقىسى بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە مۇنداق ئاجايىپ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرۇشى بالىلار ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەتنى ياراتتى. ئىككى ئاجايىپ ئايالنىڭ، يەنى گۇزالىيە تېنېشېۋا ھەم ھېكىمەم ۋېلەموۋانىڭ كۈچ چىقىرىشىدا مۇشۇنداق چىرايلىق فېستىۋال ئۆتتى. ئۇلار بالىلار ئۈچۈن چوڭ بايرام ئۇيۇشتۇردى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بالىلار بايرىمى بولدى».
گۈلنارا سايىتوۋا يەنە بارلىق بالىلارنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ فېستىۋالغا چوڭ تەييارلىق ۋە جاۋابكارلىق بىلەن كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىللىرىنىڭ تالانتىنىمۇ تەكىتلىگۈم كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولدى. مەن راۋاب ۋە تەمبۇردا مۇزىكا ئورۇنلىغان ئىككى يىگىتنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجراسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەمما قازىلار ئومۇمەن فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىجراسىدا بەزى كەمچىلىكلەرنىمۇ بايقاپ، ئۇلارنى ئانسامبىل يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزدى. ئۇلار بۇ تەكلىپلەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى».
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە، شۇ ئۆزبېكىستاندىمۇ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشقا باشلىغانىدى. بولۇپمۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، ئانا تىلنى، مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاش يۆنىلىشىدە كۆپ ئىشلار تا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇلارنىڭ بىرى سەنئەت فېستىۋاللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز مىللىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئىتى بۇ مەملىكەتتە بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا مىللىي مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە ناخشىلارغا قىزىقىش دولقۇنى قوزغالغانىدى.