شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

«كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنىڭ ئاپتورى، «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق ئامېرىكا ئىستراتېگىيە دەستۇرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغان نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن «دۆلەت مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى ھۈسەنجان ئەپەندى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەدەبىيات، تەرجىمە، تەتقىقات ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ خىل ساھەدە ئۆزىنى پۇختا يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مەزكۇر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مېۋىلەرنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2018 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى نامەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھۈسەنجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزچىل مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە ئۇنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپقان.

تېلېفونىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خادىملىرى، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

تور ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن، خوتەن قارىقاشتىن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى 2009 ‏-يىلى پۈتتۈرگەن ۋە شۇ يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشقا چۈشكەن. ئۇ 2011 ‏-يىلدىن 2015 ‏-يىلغىچە شاڭخەي خۇئادوڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىدىن ئىشقا چۈشكەن. ئۇ ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سىرتىدا ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە-تەھرىر ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆزگە كۆرۈنەرلىك سەمەرىلەرنى تەقدىم قىلغان. ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق ماقالىسى جەمئىيەتتە مىللىي ئويغىنىش ساداسىنى ياڭراتقان بولسا، «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق تەرجىمە كىتابى جەمئىيەتنى سىياسىي سەزگۈرلۈككە دەۋەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئىككى كىتاب ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك گۇمانى بىلەن سوراق قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بولسا، ئۇنىڭ «بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن «غەرب مەدەنىيىتىنى كۆككە كۆتۈرۈش ۋە دۆلەت مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش» دەپ قارالغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خادىملار نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى.

ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ ئىگىلىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن خوتەن ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە 10 يىللىق كېسىلگەندىن كېيىن، كېرىيە تۈرمىسىگە سولانغان. ھۈسەنجان ئەپەندى يەنە نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق بولغان قاراقاش ناھىيە ياۋاغ يېزىلىق ساقچى خادىملىرىنىڭ ئېنىق خەۋىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرمەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق كەنتنىڭ سېكرېتارى نۇرمەمەتنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچۇلار، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر مەزگىل تەكلىپلىك مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ داڭلىق مۇھەررىرى قۇربان مامۇت ئەپەندىمۇ 2017-يىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئاقىۋىتى ھازىرغىچە ئېنىقسىز ئىدى. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلىشتا نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن بىلەن قۇربان مامۇت ئەپەندىنى بىر-بىرىگە چاتقان-چاتمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.