ئۇيغۇرچە كالېندار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر روھى ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.01.01
yilname-00-1 يېقىندا گېرمانىيەدە 2024-يىللىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كالېندار كەڭ جامائەتكە سۇنۇلدى. 2023-يىلى دېكابىر
Photo: RFA

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرىيە ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2024-يىللىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كالېندار يېڭى يىل ھارپىسىدا كەڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇيغۇرلارغا خاس مىللىي خاسلىق ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ لايىھەلەنگەن بۇ كالېندار گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تارقىتىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى قېتىم 2023-يىلىدىكى يېڭى يىللىق كالېندار بىلەن يورۇق كۆرگەن ئۇيغۇر كالېندارنىڭ 2024-يىللىق يېڭى نۇسخىسىدىمۇ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆزئارا مۇجەسسەملەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن كالېندارنىڭ پىلانلىنىشى ۋە تۈزۈپ چىقىرىلىشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ مېھنەت-تەرى ۋە ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرىيە ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىم خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرچە كالېندار تۈزۈشكە ئىلھام ۋە تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

2024-يىللىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يىلنامەنىڭ بىر ۋارىقى
2024-يىللىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يىلنامەنىڭ بىر ۋارىقى
گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى ئۇيغۇرىيە ئانا تىل مەكتىپى

مەزكۇر كالېندارنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، لايىھەلىنىشتىكى سىپتىلىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا خاس ۋەكىللىك ئوبرازلارنىڭ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈشى تۈپەيلىدىن مۇھاجىرەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى مۇشۇنداق بىر كالېندارنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەن. «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇرىيە ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى پەرىدە نىياز خانىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە، ئۇيغۇرچە كالېندارنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلدى. شۇنداقلا، بۇ كالېندارنىڭ مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى لايىھەلىنىش جەھەتتىن بولسۇن كامالەتكە يەتكەنلىكىنى تەرىپلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق يېڭى كالېندار يالغۇزلا ئادەتتىكى كالېندارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن تەييارلانمىغان. سالامەت ھاشىم خانىم بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولۇپمۇ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تونۇش ۋە ساقلاش جەھەتلەردە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇرچە كالېندارنىڭ مەزمۇن ۋە لايىھە قاتارلىق تەرەپلەردىكى خاسلىق-ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، مۇناسىۋىتىنى بوغۇپ تاشلاش» شەكلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش گىردابىغا يۈزلەندۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، چەتئەل تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇش ۋە ساقلاش مەسىلىسى نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان خىرىسلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. سالامەت ھاشىم خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، ئۆز تىل-يېزىقىدا كالېندار چىقىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرچە كالېندارنىڭ چىقىرىلىشى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىم، گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشتا ھەمدە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى جانلىق بىر ئۆرنەك ئىكەن.

2024-يىللىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يىلنامەنىڭ بىر ۋارىقى
2024-يىللىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يىلنامەنىڭ بىر ۋارىقى
گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى ئۇيغۇرىيە ئانا تىل مەكتىپى

پەرىدە نىياز خانىممۇ نۆۋەتتە ئانا يۇرتىمىزدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرچە كالېندارنىڭ ئىشلىنىشىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى كالېندارنىڭ ئىشلىنىشىنى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى» تېمىسىغىمۇ مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا سالامەت ھاشىم خانىم 2024-يىللىق كالېندار يات بىر ئەل، يات بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا ۋەتەننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىشىدە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا دۇردانىلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ساقلاش تولىمۇ زۆرۈر، دەپ قارالماقتا. سالامەت ھاشىم خانىم ئاخىرىدا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە ئۇيغۇر روھى ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرچە كالېندار تۈزۈش ۋە ئىشلەشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بۇ كالېندارنى تارقىتىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان بولۇپ، ئېھتىياجلىق شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە قولايلىقلار يارىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.