تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئىككى ئوغلىغا بۇيرۇلغان جەرىمانىنى تۆلىيەلمىگەن ناۋاي مەمتىمىن ياسىن تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خوتەن ناھىيە بازىرىدا ناۋايلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان 70 ياشلىق مەمتىمىن ياسىن ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى سەھەردە ناۋايلىق قىلىۋاتقان دۇكىنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەمتىمىن ياسىن، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئىككى ئوغلىغا بۇيرۇلغان جەرىمانە پۇلىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان. خوتەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى خادىمى، مەمتىمىن ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ پۇلنى سۈرۈشتە قىلىپ بارغان سوت خادىملىرى بىلەن غەۋغالاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە مەھبۇسلار ھۆكۈمنامىسىدە بېكىتىلگەن «ئىشتىراپ» يەنى جەرىمانىنى تۆلەشكە قىزىقتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ پۇل ئاكتىپچانلىق بىلەن تۆلەنسە ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى تۈگىگەن ھامان چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقى ياكى مۇددىتىنىڭ بىرنەچچە يىل قىسقارتىلىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.

مەلۇمكى بۇ جەرىمانە گەرچە مەھبۇسلارغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇلار تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان بولغاچقا، بۇ پۇلنى ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما جەرىمانە سوممىسى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆلەنگەن تەقدىردىمۇ، جازا مۇددىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولمايدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ مۇھىمى مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ چاغلىق بولغاچقا، تۈرمە دائىرىلىنىڭ مەزكۇر قىزىقتۇرۇشى مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمىگەن. دېيىلىشىچە، بۇ پۇل تۈرمىگە ئەمەس سوتقا تاپشۇرۇلىدىكەن؛ سوتنىڭ مەخسۇس ئىجرائىي بۆلۈمى بۇ پۇلنى يىغىشقا مەسئۇل ئىكەن.

خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار ماددىلاردا شەرھلىنىشىچە، سوت مەھكىمىسى مەھبۇس ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئازراق ياخشىلىنىش بارلىقىنى سېزىپ قالسا، مەھبۇسقا پىچىلغان جەرىمانىنى يىغىشقا دەرھال ھەرىكەت قىلىدىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، ناۋاي مەمتىمىن ياسىن، يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىككى ئوغلى تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنلا تىجارەتتىن توختىغانىكەن. ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە تىرىكچىلىك ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجى بىلەن دۇكاننى قايتا ئاچقان. بىر مەزگىل سودىسى ئاقمىغان مەمتىمىن ياسىن يېقىنقى ئايلاردا كونا خېرىدارلىرىنىڭ توپلىنىشى ۋە جامائەتنىڭ ھېسداشلىقى بىلەن تىجارىتىدە بىرئاز ئىلگىرىلەش بولغان. ئەمما بۇ ئىلگىرىلەش گەرچە ئۆزىدىن ئېشىنغۇدەك دەرىجىدە، بولۇپمۇ 150 مىڭ يۈەن جەرىمانىنى تۆلىگۈدەك دەرىجىدە بولمىغان بولسىمۇ، سوت خادىملىرىنىڭ دىققىتىدىن قاچمىغان ۋە ئۇلار جەرىمانىنى دەرھال تۆلىتىش ئۈچۈن مەمتىمىن ياسىننى ئىزدەپ كېلىشكە باشلىغان. ئۇ، ئاخىرىدا ئالاقىدار خادىملارغا ئۆزىنىڭ بۇ پۇلنى تۆلەشكە قادىر ئەمەسلىكىنى كېسىپ ئېيتقاندىن كېيىن، خادىملار ئۇنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ دەپ قاراپ، سوراق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن. مەمتىمىن ياسىن سوراقتىن قايتىپ كەلمىگەن، ئۇنىڭ دۇكىنىمۇ تا بۈگۈنگە قەدەر ئېچىلمىغان. بۇ ئەھۋاللاردىن ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك سوت خادىمى، ئەگەر جەرىمانە پۇلىنى تۆلىگۈدەك ئەھۋالدا تۇرۇپ تۆلىمىسە، مەھبۇس ئائىلىلىرىگە مەمۇرى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، مەمتىمىن ياسىننىڭ نۆۋەتتە، نەدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە مەمۇرى جازانىڭ كونكرېت نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن ناھىيەلىك سوت خادىمى، خىتايدا جەرىمانە پۇلنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلىدىغان ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىزگە كەلگەن ئىنكاسنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز تۇتقۇننىڭ ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىق كىملىكى ئۇچۇرلىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدىن كېيىن، ئۇ مەمتىمىن ياسىننىڭ پۇلنى سۈرۈشتە قىلىپ بارغان سوت ئىجرائىيە خادىملىرىغا ئۆكتەملىك قىلغانلىقى ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغانلىقىنى ئۈچۈن قانۇننى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئىجراغا توسقۇنلۇق قىلغان مەمتىمىن ياسىن ئۈچۈن مەمۇرى جازا بېرىلگەنلىكى، قىسقا مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەمۇرى جازا 15 كۈندىن 6 ئايغا قەدەر نەزەربەند قىلىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش بولۇپ، مەمتىمىن ياسىننىڭ قاماقخانىدا يەنە قانچىلىك تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.