ئاتۇشتىكى بىر كەنت ساقچىسى: «65 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.09.22
Qeshqer-konisheher-meschit-qizil-teshwiqat.jpg قەشقەر شەھىرى بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen teminligen

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ پەقەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە 18 ياشلىقتىن تۆۋەنلەرنىڭلا ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى، قالغانلىرىنىڭ بولسا ناماز ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى بازارغا سېلىپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتا 65 ياشلىقتىن تۆۋەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەنلىكى، ئوقۇغانلارنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ھەر قېتىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋابەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئاخباراتچىلار ئۇيغۇر رايوندىكى دىنىي چەكلىمىلەرنى ئېسىگە سالغىنىدا، خىتاي باياناتچى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ سوئاللارغا نەق جاۋاب ئېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى. خىتاينىڭ يېقىنقى بىر ئاخباراتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ناماز چەكلىمىسىنىڭ پەقەتلا پارتىيە ئەزالىرى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىيەەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە ناماز ئوقۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا چەكلەنگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ئەمەس، ھەتتا «ناماز» دېگەن سۆزنى ئېغىزغا ئېلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغانلىقى؛ دائىرىلەرنىڭ پەقەت خەلقئارا جامائەتكە كۆرگەزمىلىك ئۈچۈنلا بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرنى ناماز ئوقۇشقا تەشكىللەۋاتقانلىقى؛ ئەمما ياشانغانلارنىڭمۇ دائىرىلەرنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئەندىشە ۋە ئىككىلىنىش ئىچىدە قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كۆپىنچە ئالاقىدار ئورگانلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. تۇرپان ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتى، ھەتتا پۇقرالارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئاددىي بىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئاتۇشتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى قولىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاتۇشتا ياشانغان كىشىلەرنىڭلا ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت ئىكەنلىكى، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ جەھەتتىكى ياش چەكلىمىسىنى سورىغىنىمىزدا 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭلا دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، دىنىي ئىشلار نىزامنامىسىدىكى بۇ بەلگىلىمىلەر، ئاھالىلەرگە تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىم تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلغان. بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى كەنت ساقچىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى تەرىپىدىن كوچا ۋە ئۆي چارلاش ئارقىلىق نازارەت قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمىدىن كېيىنمۇ ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغانلار كەنت رەھبەرلىرىگە دوكلات قىلىنغان ۋە قىلمىشى ۋە پوزىتسىيەسىگە قاراپ جازاغا تارتىلغان. مەزكۇر خادىم بۇ بەلگىلىمىنىڭ2017 ‏-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىمى «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭ بىر ئۆتكۈنچى بىر بەلگىلىمە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇنىڭ «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۇزۇن مەزگىللىك بىر بەلگىلىمە ئىكەنلىكى» نى ئەسكەرتتى.

ئاتۇشتىكى مەزكۇر كەنت ساقچىسى بۈگۈنكى زىيارىتىمىز داۋامىدا 65 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىغا يول قويۇلماسلىق بەلگىلىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئاھالىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە چارىسىز ھالدا بويسۇنۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

مانا بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ2017 ‏-يىلدىن باشلاپ، قاتتىقلىق جەھەتتىن بۆسۈش خاراكتېرلىك كۈچەيگەنلىكى ۋە يېڭى بىر چەكلىمە دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.