ئالماس نىزامىدىن تۈرمىدىكى ئايالى بىلەن نازارەت ئاستىدىكى ئاپىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

2020-يىلى يېڭى يىل مەزگىلىدە ئاۋسترالىيەدىن تۇغقان يوقلاپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئالماس نىزامىدىن 17-يانۋار كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ 2017-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان تۈرمىدىكى ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرىشىت بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى كەلگەن ئانىسى زۇلپىيە جالالىدىن توغرىسىدا ئۆزى ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئالماس نىزامىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئانىسى زۇلپىيە خانىم بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىكەن. شۇندىن ئۇ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر بىرقانچە قېتىم ئاپىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئەمما دائىرىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا چەتئەلدىكى بالىلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن زۇلپىيە خانىم ھەر قېتىملىق تېلېفوندا سۆزلەشكەندە بالىلىرىنى «قالايمىقان يوللاردا ماڭماسلىققا، خىتاي كومپارتىيەسىدىن مىننەتدار بولۇشقا» ئۈندىگەن. ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ يەنە داۋاملىق ئوقۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما سالامەتلىكى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە تېلېفوننى ئامال بار تېزرەك قويۇۋېتىشكە ئالدىرىغان. ئۇ يەنە بالىلىرىنىڭ ئېكراننى ئېچىپ تۇرۇپ سۆزلىشىش تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرمىگەن. بۇ خىل ئالامەتلەر ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئوغلى ئالماس نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى باشقا ئائىلە ئەزالىرىدا كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغان.

ئالماس نىزامىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى 11-ئايدا ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئايالى بۇزەينەپ ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش تەلىپى رەت قىلىنغان. شۇ جۈملىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاپىسى زۇلپىيە جالالىدىننىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ئۇنىڭ ئاپىسىغا بولغان ئەنسىرىشىنى بارغانچە كۈچەيتىۋەتكەن.

ئالماس نىزامىدىن يەنە بۇلتۇر 12-ئاي مەزگىلىدە ئامېرىكادىكى فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجادىكى ئاپىسى ھەققىدە «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئەھۋاللارغا قاراپ، ئۆزىدە ئاپىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىتا كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ ئايالى بۈزەينەپ ئابدۇرىشىت ھەققىدە ئۇنىڭ ئاتالمىش «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىپلىنىپ، 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئالماسنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيە تەرەپكە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئايالى بۇزەينەپ ھەققىدە 2-قېتىم جاۋاب قايتۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئالماس نىزامىدىن ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق تۈرمىدىكى ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرىشىت ۋە قاتتىق نازارەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئاپىسى زۇلپىيە خانىمنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالماس نىزامىدىن 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئاۋسترالىيەگە ئوقۇشقا چىققان ۋە كېيىنچە ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرىشىت 2017-يىلى 3-ئايدا ۋەتەن زىيارىتى مەزگىلىدە مىسىردا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇزەينەپ شۇ يىلى 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئايالى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىت تۇتقۇن قىلىنغان 3 يىلدىن بۇيان، ئالماس نىزامىدىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش، تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىش، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئايالى بۇزەينەپنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، 2018-يىلى يانۋاردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاپىسى زۇلپىيە جالالىدىنننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.