ئاتۇشتا مىسىرغا بالا ئەۋەتكەن بىر جەمەتتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ۋە 5 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.03.04
ئاتۇش بۆگەنلىك كارخانىچى قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ لاگېردىن چىقىپلا جان ئۆزگەنلىكى دەلىللەندى ئاتۇشلۇق كارخانىچى قۇربانجان ئابدۇكېرىم لاگېردىن چىقىپ 3 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەن.
Zibibulla teminligen

ئالدىنقى ھەپتە لاگېردىن چىقىپلا جان ئۈزگەن تىجارەتچى قۇربانجان ئابدۇكېرىم ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەن 4 نەپەر جيەنىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە ئىنىسى سىېيىتئاخۇننىڭ بالىلىرىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن كېسىلىپ نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى. يەنە ئۆتكەن يىلى لاگىردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى ئىلھام قارىنىڭمۇ قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ جيەنلىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتە لاگېردا جان ئۈزگەن قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بېرغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا تۆت جيەنىنىڭ مىسىردا ئوقۇغانلىقىنىڭمۇ سەۋەپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ 3 قېرىندىشى بار بولۇپ، بۇلاردىن ئىنىسى سېيىتئاخۇن، قۇربانجان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىبراھىم ۋە ئەزىمەت ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى2013 ‏-يىللىرى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا سېيىتئاخۇن ئاتۇشتىكى ساقچىلارنىڭ چاقىرتىشى بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستاندىن قايتىپ كەلگەن. ئۇ كېلىشىگىلا مىسىردىكى ئىككى ئوغلىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، دادا-بالا ھەر ئۈچىلىسى تەڭلا قاماققا ئېلىنغان. زىبىبۇللانىڭ دېيىشىچە، سېيىتئاخۇن ئىككى بالىسىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش بۆگەندىكى ئالاقىدار خادىملار، سېيىتئاخۇنىڭ قىرغىزستاندا رەخت تىجارىتى قىلىۋاتقان يېرىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىنگەنلىكى ۋە بالىلىرىىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، شۇنداقلا 12 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

زىبىبۇللا يەنە سېيىتئاخۇننىڭ ئىككى ئوغلىدىن باشقا، بۇ بالىلار بىلەن نەۋرە قېرىنداش بولغان مەدىنە ھېكىمجان ۋە ئىمران ھېكىمجانلارنىڭمۇ مىسىردىن قايتقان ئوقۇچىلار ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭمۇ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۆگەندىكى ئالاقىدار خادىملاردىن يەنە بىرى قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ جەمىتىدىن بولغان مەزكۇر 4 ئوقۇغىچىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى دەلىللىدى ۋە ئۇلاردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ 7 ۋە 9 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

زىبىبۇللانىڭ دېيىشىچە، لاگېردا جان ئۈزگەن قۇربانجاننىڭ قېيىنئاكىسىنىڭ ئوغلى ئىلھامجان مۇھەممەتمۇ مىسىردىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېلىنگەن ۋە لاگېرغا ئەكىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دەلىللەنگەن ئىدى. زىبىبۇللانىڭ يۇرتتىكى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۇقۇشىچە، ئىلھامجان مەمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن دادىسى مەمەتجان ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا ئاتۇشتا مىسىرغا پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن بىر جەمەتتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ لاگىردا ئۆلگەنلىكى ۋە 5 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.