مەھبۇس ئايال مۇنىرە مەمتىلى چەتئەللىك ئالدىدا كۆز يېشى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 3 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.04.05
مەھبۇس ئايال مۇنىرە مەمتىلى چەتئەللىك ئالدىدا كۆز يېشى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 3 يىللىق كېسىلگەن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى 25 ياشلىق مۇنىرە مەمتىلى ۋە ئېرى ئېرى شىرئەلى مەمتىلى.
Photo: RFA

بىز ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا، غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدا تاكسىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىرئەلى مەمتىلىنىڭ 16 يىللىق، ئانىسى ئايگۈل تۇرخائۇننىڭ بولسا 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، شىرئەلىنىڭ ئائىلىسىدە ئىككى بالىسى بىلەن قېپ قالغان ئايالى مۇنىرە مەمتىلى، بۇلتۇر يىل ئوتتۇرىدا بىر قىرغىزىستانلىق تىجارەتچى ئايال بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، كۆز يېشى قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە يىل ئاخىرىدا 3 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن، بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل 25 ياشلاردا بولغان ۋە ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان مۇنىرە مەمتىلى، ئۆتكەن يىلى 6 ‏-ئاينىڭ بېشىدىكى بىر ھەپتىسى كېچىدە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ساقچىخانىغا ئەكېتىلگەن. ئەسلىدە مۇنىرە، ئىلگىرى رادىيومىزدا خەۋىرى بېرىلگەن تاكىسى شىرئەلى مەمتىلىنىڭ ئايالى بولۇپ، يولدىشى شىرئەلى ئۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال، قېينانىسى ئايگۈل تۇراخۇن 6 ئاي ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنىپ 16 ۋە 10 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنىدى. ئىنكاس قىلىنىشىچە، مۇنىرە تۇتۇپ كېتىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، ساقچىلار، مۇنىرەنىڭ خەنبىڭ يېڭىمەھەللىدىكى ئادەمسىز قورۇسىدىن ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ئېلىپ كەتكەن؛ بۇنىڭغا قاراپ قوشنىلىرى مۇنىرەنىڭ قاماقخانىدىن لاگېرغا ياكى تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشقان، ئەمما ھېچكىم، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە گەپ سوراشقا پېتىنالمىغان. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىغا پېچەت سېلىنغان. بۇنىڭغا قاراپ قوشنىلار، مۇنىرەنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشقان. بىز مۇنىرە مەمتىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خەنبىڭ ساقچىخانىسىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. خادىملار، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، تۇتقۇنلار ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇنىرە مەمتىلى ۋە شىرئەلى مەمتىلىنىڭ ئىككى پەرزەنتى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇنىرە مەمتىلى تۇتقۇن قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن غۇلجا شەھەر ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ شىخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان يولدىشى شىرئەلى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە تەلىپى رەت قىلىنغان. ئۇ شەھەردىن خەنبىڭگە قاراپ ئۆيىگە قايتقىنىدا قىرغىزىستانلىق بىر تىجارەتچى ئايال ئاپتوبۇستا يانمۇيان ئولتۇرۇپ قالغان. قىرغىزىستانلىق تىجارەتچى ئايال ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ يولدىشىنىڭ كىملىكىنى سورىغان؛ مۇنىرە بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن، ئەمما كۆز يېشىنى تۇتالمىغان. بۇ چاغدا ئاپتوبۇس شوپۇرى، چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماسلىق ھەققىدە مۇنىرەنى ئاگاھلاندۇرغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇنىرە ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ۋە يولدىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى چەتئەللىكلەرگە «ئۇستىلىق» بىلەن بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خەنبىڭ ساقچىخانا خادىمى، مەزكۇر تەپسىلات ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى، ئەمما ئۇ مۇنىرەنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى يوشۇرمىدى.

ئىنكاستا مۇنىرەنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ساقچى خادىمى مۇنىرە مەمتىلىنىڭ 10يىللىق ئەمەس، 3 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنىرەنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ چەتئەللىك بىر ساياھەتچى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مۇنىرەنىڭ قېينانىسى ئايگۈل تۇراخۇننىڭ بايكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقانىدى. قولىمىزدىكى ئىنكاستا، مۇنىرەنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بايكۆل ياكى يېڭىھايات تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى پەرىزى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇنىرەنىڭ خەنبىڭ يېڭىمەھەللىدىكى دەرۋازىسىغا پېچەت سېلىنىش ئالدىدا، ئۇنىڭ 4 ۋە 5 ياشلىق ئىككى ئوغلى، غوجا ئۈچدەرۋازىدا ئولتۇرۇشلۇق بوۋىسى مەمەتئەلى ئابدۇرېشىتقا تاپشۇرۇلغان. ئائىلە بويىچە تۈرمىگە تاشلىنىپ دەرۋازىلىرىغا پېچەت سېلىنىش، ئۇيغۇر ئىلىدا يېقىنقى 4 يىلدا كۆپ ئۇچراۋاتقان بىر تراگېدىيەلىك ئەھۋالدۇر. شۇڭا ئۆتكەن يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان بەزى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر قەشقەر ۋە تۇرپانلاردا مەھەللىلەرنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى، بەزى ھويلىلارنىڭ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنىپ، ئۈستىدىن پېچەتلەنگەنلىكىنى بايقىغان ۋە بۇ بايقاشلىرىنى تورلاردا ئاشكارىلىغان ئىدى.

يۇقىرىدا غۇلجىدا بىر مەھبۇس ئايالىنىڭ بىر چەتئەللىكنىڭ ئالدىدا كۆز يېشى قىلغانلىقى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.