خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ جازا لاگېرى ئەمەس، كەسىپ ئۆگىتىلىۋاتقان مەكتەپلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئاتالمىش مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى سانى ۋە ئېنىق ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەي كەلگەن ئىدى. غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئون نەچچە ئورۇندا لاگېر قۇرۇلغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ، بۇلاردىن پەقەت بىر قانچىسىنىڭلا ئورنى ئايدىڭلاشقان ئىدى. يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا غۇلجا شەھىرىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن شىنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭمۇ بىر مەزگىل لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدىكى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن تاكسى شوپۇرى شىرئەلى مەمەتئەلى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ بىر نوپۇس تىزىملىكى قولىمىزغا چۈشكەن ۋە بۇ تىزىملىكتە شىرئەلىنىڭ بىر مەزگىل غۇلجا شەھەر شىنخۇا دوختۇرخانىسى تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. شۇڭا بىز بۇ دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 832 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولغان بۇ دوختۇرخانا غۇلجا شەھەر مەركىزىدىكى مەشھۇر جايلاردىن مەدرىس ئەتراپىغا جايلاشقان. قۇرۇلۇش كۆلىمى 42066 كۋادرات مېتىر (63 مو)، يەنى كۆلەم جەھەتتە غۇلجا شەھىرى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان بۇ دوختۇرخانا 2017-يىلىغا كەلگەندە لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى چاغدا دوختۇرخانىدىكى بىمارلار شەھەر سىرتىدىكى بىر ئورۇنغا يۆتكىلىپ دوختۇرخانا قورۇ تاملىرىغا تىكەنلىك سىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ دوختۇرخانا ياتاق دېرىزىلىرى تۆمۈر قاپقاقلار بىلەن قاپلانغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ دوختۇرخانا قورۇسىدا نۆۋەتتە بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا غۇلجا شەھىرىدىكى پارتىيە مەكتەپ، مالىيە مەكتەپ، ياماچاڭ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسى، يېڭى ھايات تۈرمىسى، بايكۆل تۈرمىسى، بوز تۈرمە ۋە يېڭىيەر تۈرمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مەھكۇم شىرئەلىنىڭ مەزكۇر نوپۇس تىزىملىكى 2018-يىلى 11-ئايدا تۇرغۇزۇلغان ۋە 2018-يىلى 3-ئايلاردا شىنخۇا دوختۇرخانىسى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم بۇ دوختۇرخانىنىڭ ھازىر ياكى بۇرۇن «تەربىيەلەش مەركىزى» ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر چوڭ ئىش ھەققىدە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىلگىرى لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى چەتكە قاقمىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن بۇ ھەقتە مەمۇرىي بۆلۈمدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمىنىڭ زورلۇقى ۋە بۇ غۇلجادا 2017-يىلى قۇرۇلغان لاگېرلاردىن پەقەت بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، غۇلجادا شۇ يىلى لاگېردا تۇتۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ شىنخۇا دوختۇرخانىسى لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يېڭىيەر تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ بىر مەسئۇل مەمۇرى خادىمى 2018-يىلى بۇ دوختۇرخانىدىكى خادىملارنىڭ شىنخۇا دوختۇرخانىسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ بىر مەزگىل لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈمىدىكى خادىملار مەزكۇر «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاز دېگەندە 15 كۈندە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ئاساسلىقى لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئارىسىدىكى ئاغرىق-سىلاقلارنى داۋالاشقا مەسئۇل بولغانلىقى، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئاغرىق-سىلاقلارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن دائىرىلەرنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردىن دوختۇر يۆتكەشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم.
«بەيدۇ» دىكى تونۇشتۇرۇشتا بۇ دوختۇرخانىنىڭ 140 مىليون يۈەنلىك مۇقىم مۈلكى بارلىقى، گېرمانىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بارلىقى، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ «GE ئايلانما CT ماشىنىسى» بارلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما ئاز دېگەندە 2 يىلچە جازا لاگېرى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىلگىرى ياكى نۆۋەتتە خەلقئارالىق خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00