بېلگىيەدە «جازا لاگېرىدا ھايات قالغانلار: ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
2024.05.17

16-ماي بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى (Samuel Cogolati)نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «جازا لاگېرىدا ھايات قالغانلار: ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ۋە فرانسىيەدىكى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ باشلىقى دىلنۇر رەيھان قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەرجاننىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە كىشىلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتتە جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىنىڭ لاگېردا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلغان.
جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ تەسۋىرلىشىچە، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بېلگىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرگەن ھەمدە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بىر شەخس ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشكىنىگە قارىماي، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بېلگىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولماقتا ئىكەن. قەلبىنۇر سىدىق خانىم سامۇئېل كوگولاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلەرگە دائىر سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ بەزى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ كۆز يېشى قىلدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تېخى يېقىندىلا بىر توپ خىتايلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا قەدەر كېلىپ تەھدىت سېلىشىغا دۇچار بولغان فرانسىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىممۇ بۇ پائالىيەتتە جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ۋاقتىدا كۆرگەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىچ ئەزالىرى سۇغۇرۇۋېلىنغان، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ساراڭ بولۇپ قالغان ئاياللار ھەققىدە بۇ يىغىندا ئوچۇق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم يەنە، يىغىن ئەھلىنىڭ «بىز بېلگىيەلىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرگە قانداق ياردەم قىلالايمىز؟» دېگەندەك سوئاللىرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكىر ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەرجاننىڭ بايان قىلىشىچە، پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بېرىلگەن ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتى ۋە تاشقىي دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىرىمۇ مۇنازىرە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پائالىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى ۋە ۋە غەربتىكى قانچىلىغان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى گەرچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، جازا لاگېرلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقى، خىتاي زۇلۇمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.