26-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئونغا يېقىن كىشى كېننىدىي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا «خىتاي ئائىلەم قەيەردە؟»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن!»، «3~5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا» قاتارلىق پىلاكاتلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتى.
پائالىيەتنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئائىلە يېقىنلىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىش جەريانىدا تاكسىم مەيدانىدا ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان ۋە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر ۋە ماشىنىدىكى يولۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. كىشىلەر تۈرلۈك ئىشارەتلەر بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نەق مەيداندا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان گامزە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. دۆلىتىمىزدە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئانچە كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ. مەن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە، ئۆزىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، قولىمىزدا پىلاكاتلارنى تۇتۇپ ئىستانبۇل زەيتۇنبۇرنىنىڭ ئەڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى بولىدىغان چوڭ يولىغا چىقىپ پائالىيەت ئىلىپ باردۇق. پىلاكاتلارغا يازغان خەتلىرىمىزنى كۆرگەن تۈركلەر ماشىنىلىرىنىڭ سىگناللىرىنى بېسىش ياكى كېلىپ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. پائالىيىتىمىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى. پائالىيەت جەريانىدا بىر ئادەم ماڭا ھەربىيچە سالام بېرىپ ئۆتكەن ئىدى، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. پائالىيەتلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. مەقسىتىمىز زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، بۇ يولدىن ھەرگىز توختاپ قالمايمىز.»
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ سىياسىي ھەرىكەت دائىرىسى تۈركىيەدە بارغانسېرى تارىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تاكسىم مەيدانىدا مايكىلىرى تەتۈر كىيدۈرۈلگەن ۋە ئەنقەرە سەپىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە يېقىنلىرى جاسارىتىنىڭ سۇسلاشمىغانلىقىنى، پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئائىلىلىرى پارچىلانغان پائالىيەتچىلەر تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئائىلىلىرى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە يېقىنلىرىدىن ئالىمجان تۇردى ئىستانبۇلدا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە يېقىنلىرى ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىكى ئائىلە يېقىنلىرىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00