ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى جامبىزىم كوچىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 17 كىشىدىن ئۈچى ئۆلگەن، ئۈچى مېيىپ بولغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.10.28
lager-saqchi-zongzuyup.jpg لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
BITTER WINTER

رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاسقا ئاساسەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرچە كېلىدىغان، نوپۇسى 180 ئەتراپىدا بولغان جامبىزىم ناملىق بىر كوچىدىن 3 يىلنىڭ ئالدىدا 17 كىشى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇلاردىن ئۈچى لاگېردا جان ئۈزگەن، ئۈچى لاگېردىن مېيىپ چىققان، بەش نەپىرى كېسىۋېتىلگەن، ئىككى نەپىرى زاۋۇتقا يوللانغان، قالغان 5 نەپىرىنىڭ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان.

ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتى ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى جامبىزىم ناملىق كىچىككىنە بىر كوچىدىن 20 نەچچە كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە بۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىماملىرىمدىكى بىر كەنت ساقچىسى مەزكۇر ئىنكاستا دېيىلگەن جامبىزىم كوچىسىنىڭ بىر كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكى ۋە نوپۇسىنىڭ 180 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىماملىرىمدىكى12 ‏-كەنت4 ‏-گۇرۇپپىغا تەۋە بۇ كوچىدىن ئابلىكىم نىياز، تۇرغۇن مەمەت، كېرەم راخمان قاتارلىق 17 كىشى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. بۇلاردىن يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈچ كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققان. لاگېردا جان ئۈزگەن بۇ ئۈچ كىشى 50 ۋە 55 ياشلىق ئابدۇسالام نىياز ۋە مەمەت نىياز ئاكا-ئۇكىلار ۋە 45 ياشلىق تۇردى ئوسمان ئىكەن. دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىش-ئوقىتى بولمىغان، ھەر بىرى 5-6 جانلىق بىر ئائىلىنىڭ دادىسى بولغان بۇ ئۈچ كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن ساق-سالامەت كىشىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ لاگېردا نېمە سەۋەبتىن جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھەر ئۈچ كىشى ئۇچتۇرپاندىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان كوڭتەي لاگېرىدا جان ئۈزگەن.

مەزكۇر كەنت ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ 17 كىشى ئىچىدىن ئەنۋەر تەۋەككۈل، تۇردى خۇدىيەم، ئابلەت باۋۇدۇن قاتارلىق 3 كىشى مېيىپ ھالەتتە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. بۇلاردىن ئەنۋەر تەۋەككۈل ئۆپكە كېسىلىگە، ئابلەت باۋۇدۇن بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. تۇردى خۇدىيەمنىڭ پۇتىدىن چاتاق چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، 20 بىلەن 30 ياش ئارىسىدىكى بۇ ئۈچ كىشى بويى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىردىن ئېگىز، ئېغىرلىقى نورمال، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن ئاۋۋال ساغلام كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت نېمە سەۋەبتىن قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە مېيىپ ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر 17 كىشىدىن ئارزۇگۈل سەمەت ۋە خانزۆھرە سەيىدئەخمەت ئاقسۇدىكى زاۋۇتقا مەجبۇرى ئىشچىلىققا ئەۋەتىلگەن. ئابلەت ئابلىكىم، سالام بارات، كېرەم راخمان قاتارلىق بەش كىشى ئۈستىدىن كېسىم كېسىلىپ تۈرمىگە يوللانغان. 17 كىشىدىن قالغان 4 نەپىرىنىڭ نۆۋەتتە ئىز-دېرىكى مەلۇم ئەمەس.

بۇ كەنت ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر 17 كىشى ئولتۇرۇشلۇق جامبىزىم كوچىسى 12‏-كەنتنىڭ تېخى لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەر نىسبەتەن ئازراق بولغان 4-گۇرۇپپسغا تەۋە بولۇپ، 3 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ كەنتتىن كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانىلا 200 ئەتراپىدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.