ناخشا ھەۋەسكارى سۈبھى مەۋلان «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» فىلىمىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى ناخشا ھەۋەسكارلىرىدىن سۈبھى مەۋلاننىڭ ئۆيىدىن «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تۈركىيە فىلىمىنىڭ پلاستىنكىسى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان؛ ئەمما ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكىنىگە قارىماي ساقچىلار ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلە تاۋابىئاتىغا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، سۈبھى مەۋلاننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، شۇ مەزگىلدە مەزكۇر فىلىمنى ساقلىغۇچى ياكى كۆرگۈچىلەردىن50-60چە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدا غۇلجا شەھەر ئىچى ساقچى خادىملىرى، شەھەرنىڭ سۇ دەرۋازا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق سۈبھى مەۋلاننىڭ ئۆيىگە تۈن كېچىدە باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان؛ ئۆيدىكى نەرسە كېرەكلەر ئارىسىدا «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تۈركىيە فىلىمىنىڭ پلاستىنكىسى تېپىلغاندىن كېيىن سۈبھى مەۋلاننى ئانىسى ئارزۇگۈل بىلەن بىرلىكتە قوللىرىغا كويزا(تاقاق) سالغىنىچە تۇتۇپ ئەكەتكەن؛ سۈبھىنىڭ سىڭلىسى ئۈرۈمچىدە سودىلىق قىلىۋاتقان يېرىدىن غۇلجاغا تۇتۇپ كېلىنگەن. بايان قىلىنىشىچە، سۈبھى مەۋلاننىڭ ئانىسى بىلەن سىڭلىسى تۇتۇلۇپ 15 كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما سۈبھى مەۋلان ھەققىدە رەسمىي بىر ئۇچۇر بولمىغان. پەقەت ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندە ساقچىلار سۈبھى مەۋلاننىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن مەزكۇر ئائىلە سۈبھىنىڭ كېسىلگەنلىك ۋە تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان؛ ئەمما كېسىلگەن يىلى ۋە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئورنى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. سۈبھىنىڭ ئانىسى ۋە سىڭلىسى تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە قاتتىق قۇرۇتۇۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن سۈبھىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، دادىسى كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەن سۈبھى مەۋلان ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجا شەھەر ياشلار يولىدىكى «بەيلىن سودا سارىيى» دا بىر گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ماڭغۇزۇۋاتقان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن «بەيلىن سودا سارىيى «تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى سۈبھى مەۋلاننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، سۈبھى مەۋلان بىر ناخشا ھەۋەسكارى بولۇپ، سۈپىتى بىلەن مەزكۇر فىلىمنى شۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەن. فىلىمنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى باشقا بىر ئىش بىلەن تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنغاندا، سۈبھىنىڭ ئۆيىدە «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» نى كۆرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان؛ نەتىجىدە، مەزكۇر ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرى سۈبھى مەۋلاننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئەمما ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا لاگېر تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان، تۈركىيەدە بالىسىنى ئوقۇتقان ۋە تۈركىيە فىلىمىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلار كۆپ قېتىملاپ ئۇچرىغانىدى. غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى يەنە بىر ساقچى خادىمى، سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» فىلىمىنى كۆرگەنلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلمىدى، ئەكسىچە، سۈبھى مەۋلان تۇتقۇن قىلىنغان 3-ئاي مەزگىلىدە، مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەن ۋە ياكى ئۆيىدىن شۇ فىلىم تېپىلغان 50-60 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى قارىمايدىكى «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ «سەلتەنەتلىك يۈز يىل «فىلىمىنى كۆرگۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلاردا دىنىي، سىياسىي ۋە تارىخىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش ياكى يوقىتىشنى ئاساسى نىشان قىلغان. «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» فىلىمى ئۇيغۇرلاردىمۇ تارىخىي ئاڭنى كۈچلەندۈرۈشى، مىللىي كىملىكىدىن، جۈملىدىن تارىخىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشى ۋە بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى خىتاي زورلاپ تېڭىۋاتقان» جۇڭخۇا ئائىلىسى «كىملىكىدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» فىلىمىنى كۆرۈشىدىن بىئارام بولغان ۋە ئۇنى ساقلىغان سۈبھى مەۋلان قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان.

يۇقىرىدا غۇلجادا سۈبھى قاتارلىق 50-60 چە كىشىنىڭ «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تۈركىيە فىلىمىنى كۆرگەنلىكى ۋە ساقلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.