مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جان بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مەغپىرەت ئابلىمىت ئائىلىسى پارچىلانغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.
مەغپىرەت ئابلىمىت بۇ يىل 19ياشتا، ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ تۆت يىلدىن بۇيان خوتەن شەھەرلىك خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئاكىسى ۋە ئىككى تاغىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

مەغپىرەتنىڭ ئاكىسى راشىت ئابلىمىت 2017-يىلى خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئائىلىسى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان.
مەغپىرەتنىڭ كىچىك تاغىسى زاھىر ئابدۇللا 16يىللىق كېسىۋېتىلگەن. زاھىر ئابدۇللا كىچىك تىجارەتچى بولۇپ، تۆت بالىنىڭ دادىسى ئىكەن. مەغپىرەتنىڭ چوڭ تاغىسى ئابدۇلمىجىت ئابدۇللا، 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، 2019-يىلى كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇزۇن يىل ئىلگىرى ئابدۇلمىجىت ئابدۇللانىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغان بولۇپ، ئەسلىدىنلا ماشىنا ۋەقەسى سەۋەبلىك سالامەتلىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغان ئابدۇلمىجىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن تۈرمىدە پالەچ بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. ساقچىلار ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بېرىلمەيدىغانلىقىنى، ۋەزىيەت ياخشىلانسا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئائىلىسى ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالمىغان. مەغپىرەت، ئابدۇلمىجىتنىڭ ئۈچ بالىسىنىڭ بالىلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى ئېيتتى.
مەغپىرەتنىڭ 65 ياشلىق چوڭ ئانىسى پاتىمەخېنىم ئابدۇكېرىم 2016-يىلى تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇلغاندىن كىيىن، 2019-يىلى 12-ئايدا ئائىلىسىگە جەسىتى قايتۇرۇپ بېرىلگەن. مەغپىرەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى، تاغىلىرى ۋە چوڭ ئانىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى.

خىتاي ھۆكمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» سىياسىتى باشلىغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بېسىمىغا ۋە تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەغپىرەت ئابلىمىت تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىغان. مەغپىرەت ئۈندىداردا كەلگەن تەھدىت ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ساقچىلىرى ئانامنىڭ ئۈندىدارىغا: ‹مەغپىرەت ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىڭىزنى ۋە ئاكىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىسىڭىز، قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى توختىتىڭ. بۇلارنى كۆز ئالدىڭىزغا ئىلىپ كېلىڭ. ماڭغان ھەربىر قەدىمىڭىزنى بۇلارنى ئويلاپ مېڭىڭ. سىز بەك ھەددىڭىزدىن ئېشىپ كەتتىڭىز. ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ› دەپ ئۇچۇر قىلىپتۇ».
مەغپىرەت ئابلىمىت زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا تاغىلىرى ۋە ئاكىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ چوڭ ئانىسىغا ئوخشاش پاجىئەلىك ئاخىرلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «باشقا تۇغقانلىرىمدىن خەۋىرىم يوق، قايسىسى ھاياتتا، قايسىسى تۈرمىدە. ھازىرچە پەقەت ئىككى تاغام، ئاكام ۋە چوڭ ئانامنىڭلا خەۋىرىنى ئالالىدىم. مەن ئاكام ۋە تاغىلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ چوڭ ئانامغا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقىنى، ئۇلار بىلەن ساق-سالامەت قايتا كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن ئۇلار ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە كۈرەش قىلىمەن. ئاۋازىمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، ئاكامنىڭ، چارىسىز ۋە ئەھۋالى شۇنچە ئېغىر بولغان، بالىلىرىنى سىغىنغان تاغىلىرىمنىڭ خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
مەغپىرەت ئابلىمىت، ئىستانبۇلدا بىر قانچە يىلدىن بىرى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاي ھۆكمىتىنىڭ بېسىمى ۋە تۈركىيەدىكى قىيىن شارائىتلارغا تىز پۈكمەي پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.