قەشقەر پەيزىۋاتتا ئاھالىلەر روزا تۇتمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەسئۇل كادىرلارغا ئىسپات يوللاشقا مەجبۇرلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2025.03.12
uyghurda-ramazan-ramizan-graphic.jpg ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ رامىزان مەزگىلىدە چۈشلۈك غىزالىنىۋاتقانلىقىنى ۋىدىيوغا ئېلىپ، ئۆزىگە مەسئۇل كادىرلارغا يوللىغانلىقى مەلۇم بولدى. 2025-يىلى مارت.
Photo: RFA

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن دويىندا چىققان بىر خەۋەردە قەشقەر پەيزىۋاتتا بىر ئاھالىنىڭ چۈشتە غىزالىنىۋاتقانلىقىنى ۋىدىيوغا ئېلىپ، ئۆزىگە مەسئۇل كادىرغا يوللىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇنىڭ ئايرىم بىر ئەھۋال ئەمەسلىكى، پەيزىۋاتتا يولغا قويۇلغان بىر قاتار رامزان چەكلىمە تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى يەنى، ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن تەھدىت خاراكتېرلىك يىغىن ئېچىش، ئۇقتۇرۇش تارقىتىش، كۈندۈزلىرى ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە كېچىلىرى پايلاقچىلىق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەردىن باشقا يەنە، بازارلاردا ئاشخانىلارنى ئوچۇق تۇتۇش، ئىدارە-جەمئىيەتنى يېمەك-ئىچمەك تارقىتىش ۋە ئاممىۋى زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالمىغان خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل بەزى جايلاردا ئاھالىلەرنى روزا تۇتمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوللاشقا مەجبۇرلىغان.

بىز بۇ چەكلىمىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. كۇچا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىقى ساقچى ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى بۇ يىلمۇ روزا تۇتۇشنىڭ خۇددى ئالدىنقى يىللاردىكىلەرگە ئوخشاشلا چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما بۇ يىلقى پەرقلىق تەدبىر ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. پەيزىۋاتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىغا قەتئىي رۇخسەت يوقلۇقىنى تەكىتلىدى، ئەمما، چەتئەللىك مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ساقچىخانا باشلىقىدىن مەلۇمات سورىدى، ئەمما ئۇ ساقچى باشلىقىمۇ، بۇ توغرىدا بىر نەرسە دېيەلمىدى ۋە بىر دەرىجە يۇغۇرى ئورگاندىن مەلۇمات سوراپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن ھەپتە دويىندا چىققان بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋاتتىكى ئاھالىلەردىن بىرى ئۆزىنىڭ چۈشلۈك تاماق يەۋاتقانلىقىنى ۋىدىيوغا ئېلىپ، ئۆزىگە مەسئۇل كادىرغا يوللىغان. ئۇ يەنە بۇ خىل ۋىدىيولۇق مەلۇمات يوللاشنى بىر ئاي بويىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پەيزىۋاتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە، روزا تۇتمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋىدىيولۇق پاكىت يوللاش تۈزۈمى بۇ ناھىيەدە ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك قوللىنىلغان. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، گەرچە يۇقىرىدىن چۈشكەن ئالاقىدار ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلاردا، بۇنداق بىر تەدبىر يېزىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاساسى قاتلاملاردىكى كادىرلار ۋەزىپىسىنى 100% ئورۇنداش، يەنى تەۋەلىكىدە روزا تۇتقان بىرمۇ كىشى بولماسلىق شەرتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر سۈپىتىدە ئاھالىلەردىن زو (زوھۇر) بىلەن ئىپتار ۋاقتى ئارىلىقىدا تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ۋىدىيولۇق يوللاشنى تەلەپ قىلغان. بەزى كادىرلار ئاھالىلەرگە بىۋاسىتە تېلېفون ئېچىپ تاماق يەۋاتقان ھالىتىنى نەق مەيداندىن كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جازا ئۆتەۋاتقانلار ئارىسىدا، روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلارمۇ بولغاچقا، يەرلىك ئاھالىلەر، دائىرىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلمىغان. پەيزىۋاتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرى، بۇ خىل تۈزۈمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. خادىملاردىن بىرى بۇ خىل تۈزۈمنىڭ پەيزىۋاتنىڭ گۈلباغ، بايئاۋات، تېرىم يېزىلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم، بۇ جايدا روزىنى مەخپىي تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن كوللېكتىپ زىياپەت ۋە نەغمە-ناۋا سورۇنلىرى تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، بۇ يېزىدىمۇ روزا تۇتمىغانلىقى ھەققىدە ۋىدىيولۇق ئىسپات يوللاش تەدبىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان ۋەزىيىتى يۇقىرىقىدەك جىددىي ۋە ئەنسىز داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى رامىزان باشلانغان بۇ ئىككى ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت جەريانىدا، رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق بىر ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەر ئېلان قىلمىدى. خىتاي ئاخباراتىدىكى بۇ جىمجىتلىقنى، مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر يەرلىك ئاھالىلەرگە رامزاننى ئۇنتۇلدۇرۇش تەدبىرى دەپ قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.