مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىلەر ناماز ئوقۇش ۋە دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن سالاملىشىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەت 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەر، بۇ يىللىق رامزان مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ روزا ئىبادەتلىرىنى چەكلەش تەدبىرىنى يەنىلا جىددىي ۋە قاتتىق شەكىلدە يولغا قويغان. پەيزىۋاتتىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ «سەھەردە ئوغرىلىقچە زوھۇرغا قوپۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بايراق چىقىرىش پائالىيىتى، كېچىسىدە تاراۋى ئوقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەچلىك سىياسىي ئۆگىنىش» ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇيغۇر رايونىدا 2014 -يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەتىگەندە بايراق چىقىرىش پائالىيىتى، خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن توختىتىپ قويۇلغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى دائىرىلەر بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ يوشۇرۇنچە زوھۇرغا قوپۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رامزان باشلىنىشتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال بايراق چىقىرىش پائالىيىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دائىرىلەر يەنە ئاھالىلەرنىڭ كەچتە يوشۇرۇنچە تاراۋا ئوقۇشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، كەچلىك سىياسىي ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرغان. ھەرقايسى كەنت ئىشخانىلىرىدا ئېچىلغان سىياسىي ئۆگىنىش كەچ سائەت 9:30 بىلەن 10:30 ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كەنت خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، كەنتتە كۆپىنچە كىشىلەر «سىرتتا» بولغاچقا، ھەر كۈنى يىغىنغا پەقەت 200-250 چە كىشى قاتناشقان. بۇ يىغىندا قىزىل تەشۋىقاتچى قۇربان نىيازنىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزلۈكىدىن ھويلىسىدا بايراق چىقىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلگەن.
پەيزىۋاتتىكى مەلۇم بىر ئاشخانا ساھىبىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئاشخانىسى رامزان كىرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئالدىراش بولغان، سودىسى يۈكسەلگەن. بۇ ئاشخانا ساھىبىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاشخانا جايلاشقان تەۋەلىكتە ئاھالىلەر رامزان مەزگىلىدە ئۆستەڭ چېپىشقا سېلىنغان.
بىز بۇ تەدبىرلەر ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر ساقچىخانا خادىمى، يۇقىرىقى تەدبىرلەردىن باشقا، رامزان مەزگىلىدە يەنە كوچا چارلاشنىڭمۇ كېچە-كۈندۈز داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇ چارلاش داۋامىدا تەۋەلىككە سىرتتىن كەلگۈچىلەر بار-يوقلۇقىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
يۇقىرىدا قەشقەر پەيزىۋاتتا رامزان مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ يوشۇرۇنچە زوھۇرلۇققا تۇرۇشىنى توسۇش ئۈچۈن بايراق چىقىرىش، تاراۋى ئوقۇشىنى توسۇش ئۈچۈن كەچلىك سىياسىي ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
0:00 / 0:00