دوتسېنت بۇرھان سىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېردىن قوغداش ئۈچۈن ساقچى باشلىقى بىلەن ئۈندىداردا بىر يىل كۈرەش قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.13
dotsent-burhan-siti-erdoghan.jpg ئىستانبۇلدىكى ساباھىدىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى بۇرھان سېتى ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قولىدىن مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالماقتا. 2018-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

مەلۇم بولۇشىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى 2017-يىلى خىزمەت ئىشى بىلەن مالايسىياغا كەلگەن ۋە بۇ مەزگىلدە مالايسىيادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا خىزمەت قىلىۋاتقان ياردەمچى پروفېسسور بۇرھان سىتىنى خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغان. بۇرھان سىتى بۇ تەكلىپنى سىلىق سىپايە رەت قىلىپ، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تۈركىيەگە يۆتكەلگەن.

ساقچى باشلىقى ئابدۇۋەلى ئۇنىڭغا ئۈندىداردىن ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ مالايسىياغا خىزمەتكە كەلگەنلىكى ۋە ئۇنى ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى ھېچكىمگە دېمەسلىكنى تاپىلىغان ۋە ئاشكارىلاپ قويسا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

2018-يىلى ئۇ تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە مەزكۇر ساقچى باشلىقى ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى دادىسىنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇزۇپ؛ ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان. بۇرھان سىتى بۇ قېتىم ئۇ ساقچىغا تېلېفون قايتۇرۇپ، ئەگەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى يەنە ئاۋارە قىلسا، بۇ ئاۋاز ۋە سىن خاتىرىلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. نەتىجىدە، 2018-يىلى 11-ئايغا قەدەر ئۇنىڭ بىۋاستە ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېچكىم لاگىرغا ئەكېتىلمىگەن.

ئۇ پەقەت مەلۇم بىر تونۇشى ئارقىلىق 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سىڭلىسىنىڭ لاگىرغا ئەكىتىلگەنلىكىنى ئۇققان. ئۇ بۇ چاغدىكى قولىدىكى ئاۋاز ۋە سىن خاتىرىسىنى رەتلەپ مەزكۇر ساقچى باشلىقىغا يوللىغان ھەم دەرھال قويۇپ بەرمىسە قولىدىكى پاكىتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئۇنىڭ سىڭلىسىنى شۇ كۈنىلا قويۇپ بەرگەن.

سىڭلىسى بىلەن تېلفوندا كۆرۈشكەن بۇرھان سىتى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان؛ ئۇ ساقچى باشلىقى ئابدۇۋەلىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، ئانىسىنىمۇ 3 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپمۇ دەرھال بېجا كەلتۈرۈلگەن.

ئۇ يەنە مەلۇم تونۇشلىرى ئارقىلىق دادىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ساقچى باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، دادىسىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 8‏-كۈنى ئۇنىڭ سىڭلىسى ھاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن مەزكۇر ساقچىغا يەنە تېلېفون قىلغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇرھان سىتى قولىدىكى ئاۋاز ۋە سىن خاتىرلىرىنى قورال قىلىپ پايدىلىنىپ، بىۋاستە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى لاگېردىن ساقلاپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.