خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە كورونا يۇقۇمى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ۋىلايەت تەۋەسىدە كەڭ كۆلەمدە قۇلۇپلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان، ئاھالىلەر ئۆز ئۆيىدىن چىقالمىغاچقا قەشقەر چۆلدەرەپ قالغان.
ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ئېكسپرېسس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەردىكى تۇرالغۇلارنىڭ دەرۋازىلىرىغا قاراۋۇللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۆيلەر قۇلۇپلانغان بولۇپ، كوچىلار قۇرۇقدىلىپ قالغان.
مەزكۇر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قەشقەردە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «كوچا-كويلاردىكى تاقالغان سودا ساراي، رېستوران ۋە تۈرلۈك ماللار دۇكانلىرى ئالدىدىن ماشىنا ھەيدەپ ئۆتتۈم. كوچىلاردا پەقەت، مېنىڭ ئىجارە ماشىنام ۋە ساقچىلارنىڭ چارلاش ماشىنىسىلا كۆزگە چېلىقاتتى.»
ئۇ يەنە ئۆزى تۇرغان مېھمانخانىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىلىرىدە قامىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلەكىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.
شۇ يەردىكى بىر دۇكاندار بۇ نۆۋەتلىك تاقاش تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئىقتىسادنىڭ يىمىرىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنلىكىنى ئېيتقان.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، مىليونلىغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر لاگېرلارغا تاشلانغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە زور تۈركۈمدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى بايقالغان. بۇ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ قەشقەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەرنىڭ يەنىلا تاقاق ئىكەنلىكى، بەزى كوچا دوقمۇشلىرىدا تاماق تارقىتىش پونكىتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى دىققەتنى تارتماقتا.