خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە يۇقۇم ھەققىدە 18-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان. ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىدىن يۇقۇملىنىش كۆرۈلمىگەن رايونلاردا كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ بوشىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما بۇ يىغىنىدا يەنە بەزى رايونلاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ رايونلاردا «يۇقۇمنى نولگە چۈشۈرۈش» تەك قاتتىق كارانتىن تەدبىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئاخبارات يىغىنىدا ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ، سايباغ، قاتارلىق رايونلارنىڭ يۇقۇم ئېغىر رايونلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ رايونلار دەل ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردۇر. ھالبۇكى، ئاخبارات يىغىنىدا ئۈرۈمچىنىڭ خىتايلار كۆپ نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان ۋۇجياچۈ قاتارلىق رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغان. ئوخشاشلا ئىلى ئوبلاستىدكى يۇقۇم ئەھۋالىدىمۇ يېڭىدىن كۆپەيگەن 49 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ ھەممىسىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، «يۇقۇمنى نولگە چۈشۈرۈش» تەك قاتتىق كارانتىن تەدبىرىنىڭ بۇ رايونلاردا ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاينىڭ «ئۈندىدار»، «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىكى يۇقۇم ھەققىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قاتتىق قامال تەدبىرلىرى ۋە بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىقەتەن شۇنداق ئېغىرمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتايلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار يوق؟ دائىرىلەرنىڭ «يۇقۇمنى نولگە چۈشۈرۈش» نامىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان قامال تەدبىرىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە تىببىي مۇتەخەسىسىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يۇقۇمنى نولگە چۈشۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ قاتتىق قامال تەدبىرىدە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ ئارقىسىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تولۇق كونتروللۇققا ئېلىشتەك سىياسىي غەرەزلىرى يوشۇرۇنغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش نامىدىكى قامال تەدبىرلىرى ئېنىقكى سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان ئىكەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە «يۇقۇمنى نولگە چۈشۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ قاتتىق قامال تەدبىرى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تولۇق كونتروللۇققا ئېلىش، ھەتتا رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ بىر تۈرى ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامالنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىدىنمۇ دەھشەتلىكرەك بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ قاتتىق ئىكەن. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانسىز ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى قامالىغا يەنە باشقا قانداق مەقسەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىش تەس ئىكەن.
تىببىي پەنلەر دوكتورى، ۋاشىنگىتون مەركىزىي دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشتەك سىياسىي غەرىرى يوشۇرۇنغاندىن باشقا، يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشنى قوغلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى پۈتۈنلەي قامال قىلىش، ھەر كۈنى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ۋاكسىنا ئەملەش، ئۇيغۇرلارغا ئىسمى نامەلۇم بولغان دورىلارنى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى گۇمان قوزغايدىكەن. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا بازارغا سالماقچى بولغان ۋاكسىنىلىرى ۋە دورىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا سىناق قىلىۋاتقانلىقىدەك بىر مۇمكىنچىلىكنىمۇ پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.