خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىشتا رول ئويناۋاتقان «خىتاينىڭ مۇستەملىكە تەشۋىقاتچىلىرى»
2024.02.15

ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي ئاققۇن تور چولپانلىرىنىڭ ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئىمتىيازلىق سىياسەتلەرنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ بېرىشقا جەلپ قىلىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن «خىتاينىڭ مۇستەملىكە تەشۋىقاتچىلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم يېقىندا ياۋروپا مەدەنىيەت تېلېۋىزىيەسى (ARTE) گە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىدى.
فىلىمدا خىتايدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە قىزىقتۇرۇۋاتقان نۇرغۇن خىتاي تور چولپانلىرى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئىگە بولغان يەر، ئۆي-مۈلۈك، باغ-ۋارانلىرىنى ھەم شۇنداقلا تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەپ بېرىلغان.
بىز بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن فىرانسۇز ژۇرنالىستلاردىن مانون باچلېت خانىم (Manon Bachelot) ۋە پولىنە تچوۋبار (Poline Tchoubar) خانىملارنى زىيارەت قىلدۇق. مانون باچېلىتنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ خىتاي تور تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ فىلىملىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز خىتايدىكى تور بەتلەرنى ئاختۇرۇش جەريانىدا شىنجاڭ تەشۋىق قىلىنغان ۋە خىتايلارنى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتقان يۈزلەرچە ۋىدىيو ئۇچراتتۇق. بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىغىنى نېمە بولدى دېسىڭىز، بۇ تور چولپانلىرىنىڭ ۋىدىيولاردا پۈتۈنلەي ئوخشاش تېكىستلەرنى قوللىنىشى، ئوخشاش ھالقىلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشى بولدى. ئۇلار ھەممىسى بۇ يەردىكى كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۆي، مەكتەپ، دوختۇرخانا شارائىتلىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى، ئىنتايىن ئەرزان باھاغا ھەتتا بىكارغا ئۆي-زېمىن بارلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى. بىز ناھايىتى تېزلا خىتاي تور چولپانلىرى دەۋاتقان بۇ ئىمتىيازلارنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. مانا بۇ بىزنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشقا ئۈندىدى.»
فىلىم ئىشلىگۈچىلەردىن پولىنە تچوۋبار (Poline Tchoubar) خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى نوپۇسنىڭ بىر قىسمىنى قاتتىق باستۇرۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تەركىب تاپقان يەنە بىر قىسمىنى بولسا تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى نوپۇسنىڭ بىر قىسمىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتايلارنى بۇ يەرگە كېلىپ يەرلىشىشكە چاقىرىشى بىزنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى. نۇرغۇن ماتېرىياللار بىزگە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ مىللىي نوپۇس قاتلىمىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتايدىكى دوۋيىڭ تورىدا ئىنتايىن جىق ۋىدىيولارنىڭ بولۇشى بىزنىڭ بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز لازىملىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.»
دەرۋەقە، فىلىمدا كۆرسىتىلگەن خىتاي ئاققۇن تور چولپانلىرىدىن بىرى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە داچا شەكىللىك ئۆيلەرنى سېلىپ بەرگەنلىكى، 58 مىڭ سومغىلا ئىككى ئېغىزلىق بىر سالونلۇق ئۆي سېتىپ بەرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاقسۇ 1-دېۋىزىيەسىدىكى ئارال شەھىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. «چىلۇ سېمىزەكنىڭ غەربنى ئايلىنىشى» ناملىق قانال ئاچقان ئەگەشكۈچىلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ شەندۇڭلۇق خىتاي «بۇ يەر ناھايىتى تىنچ، بىخەتەر، نۇرغۇن دوستلار خىزمەت ۋە بالىلىرىنى دەپ بۇ يەرگە كېلىپ ياشاۋاتىدۇ» دېگەن.
يۇقىرىدىكى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇ تور چولپانلىرىنىڭ فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ چولپانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ زادى كىمگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالغان.
مانون باچلېت خانىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ تور چولپانلىرىنىڭ كۆپى باشقا ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن يەرلەشكەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن كۆچۈرۈش ئارقىلىق رايوندىكى مىللەت قاتلىمىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز بۇ تور چولپانلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ بىڭتۇەن ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى تاللىغانلىقى تېخى بىزگە نامەلۇم. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ تور چولپانلىرى ھەققىدە مۈجمەل نەرسىلەر كۆپ. بىراق بۇ يەردە ئېنىق بولغان نەرسە شۇكى، خىتاي تور چولپانلىرىنىڭ باشقا خىتايلارنى شىنجاڭغا يەرلىشىشكە چاقىرىشىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا قىلغان چاقىرىق بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇشىدۇر. شى جىنپىڭ چاقىرىقىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتايلارنى شىنجاڭغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى تەكىتلىگەنىدى. بۇ يەردىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭدا ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت.»
ياۋروپا مەدەنىيەت تېلېۋىزىيەسى تارقاتقان بۇ ۋىدىيودا يەنە، 6-دېۋىزىيە ۋۇجياچۈ شەھىرى 50-تۈەننىڭ ئېتىبار سىياسىتى ھەققىدىكى ھۆججەت خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يېڭى كەلگەن ھەر بىر خىتاي كۆچمەنگە 2 مودىن ئۆيلۈك جاي، 35 مودىن يەر تەقسىملىنىدىغانلىقى، ئىجارە ئۆيگە 4 يىل ئىجارە ھەققى تۆلىمەيدىغانلىقى، ئىجارە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۆينى داۋاملىق ئىجارىگە ئالسا ياكى سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ھەر نوپۇسقا 40 مىڭ يۈەن ياردەم، ئايدا 400 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تۇرمۇش راسخوتى بېرىلىدىغانلىقى، ھەقسىز داۋالىنىش ۋە ھەقسىز سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى، 60 ياشقا توشقاندا پېنسىيە پۇلى ئالالايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىكەن.
بۇ ھۆججەتلىك ۋىدىيودا يەنە، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخى، ئىچكىرى خىتايدىن كېلىدىغان كۆچمەن نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يەرلەشتۈرۈشتە ئوينىغان ھەل قىلغۇچى رولىمۇ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن.
مانون باچلېت خانىم بىزگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ رايوننى بىۋاسىتە ۋە ئەركىن زىيارەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ فىلىمنىڭ رايوندىكى ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلاشتا رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار ئۈچۈن رايونغا بىۋاسىتە بېرىپ تەكشۈرۈش ئەپ بېرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەم خىتايلار بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىپ بۇ سىياسەتلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش بۇ كىشىلەر ئۈچۈن خەتەرلىك. شۇڭا بۇ بىزنىڭ خىتاي تور بەتلىرىدىكى مەۋجۇت ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەتقىقات ئەپ بېرىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب. خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلەردىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قاتتىق قامال قىلىۋاتقان بولغاچقا، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان تەشۋىقاتلاردىن باشقا مۇستەقىل ئۇچۇر ئېلىش ئىنتايىن قېيىن بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن بىز ئىشلىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رايوندىكى ئەمەلىيەتنى يورۇتۇپ بېرىشكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىگە ئاساسەن بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىمۇ ئورۇن ئالغانىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى فىلىم ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكى فىرانسۇز ژۇرنالىستلار ئىشلەپچىققان بۇ «خىتاينىڭ مۇستەملىكە تەشۋىقاتچىلىرى» ناملىق فىلىمدا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا يورۇتۇلمىغان نوقتىلارنىڭ يەنى خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەت ئەپ بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقتا ئويناۋاتقان رولىنىڭ يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى، مانا بۇنىڭ بۇ فىلىمنى باشقا فىلىملاردىن پەرقلىق قىلىدىغان ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈەندىن پايدىلىنىپ قانداق مۇستەملىكىچىلىك ۋە زوراۋانلىق ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا سولاپ، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنى، ئۆيلىرى ۋە ئىش ئورنىغا ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا ئىچكىرى خىتايغا مەجبۇرىي ئەمگەك قۇللىرى بولۇشقا ماڭدۇرغانلىقى پاكىتلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ فىلىم تارقىتىلغاندىن بېرى بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغان.