پەيزىۋاتتا بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا زوراۋانلىق قىلىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
2021.01.04
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «دۆلەت تىلى» ئوقۇتۇشى نامىدا خىتاي تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇردى. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىغا «ياردەم» نامىدا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ساپاسىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىشى، ھەتتا ئۇلارنى ئۇرۇپ-دۇمبالاشتەك زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ، ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا زوراۋانلىق قىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندى.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسى قوزغىدى.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ھەققىدە پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى دەسلەپ ئۈندىدار سالونىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ساختا خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىز 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋە 30-كۈنلىرى مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن پەيزىۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، پەيزىۋاتتىكى بىرقانچە مەكتەپلەر ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق.
مەكتەپلەرگە قىلغان تېلېفونىمىز جاۋاپسىز قالدى. پەيزىۋات ناھىيەىك مائارىپ ئىدارىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىدارە خادىمى سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى. تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمى بىزنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى ئالدى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلىشىمىزنى ئېيتتى.
بىز بۇ ساقچى خادىمىغا مەزكۇر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى يارىلاندۇرۇشى ۋە ئاڭلىماس قىلىپ قويۇشىنىڭ جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقى توغرىلىق گەپ قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئەھۋالنى چوقۇم ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆزى ساقچىغا كېلىپ مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئىجىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغاندىن كېيىن، پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى 31-دېكابىر كۈنى قايتىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرغان خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى يا فامىلىلىك ( 15 ياش) دەرسكە كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ما فامىلىلىك ئوقۇتقۇچى بىلەن تاكالىشىپ قالغان. ما فامىلىلىك ئوقۇتقۇچى يا فامىلىلىك ئوقۇغۇچىنى تەستەك بىلەن ئۇرغان ۋە پۇتى بىلەن تەپكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. پەيزاۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 22-دېكابىر كەچتە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. شۇ كۈنى ما فامىلىلىك ئوقۇتقۇچغا قانۇن بويىچە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللاندى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 22-كۈنى دىياگنوز قويۇپ، يا فامىلىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى. نۆۋەتتە يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاش ئىشى قانات يايدۇرۇلماقتا. ھازىر دېلو بېجىرىلىۋاتىدۇ، كېيىنكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىلىق ۋاقتىدا خەۋەر بېرىلىدۇ.»
مەزكۇر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇش ۋەقەسى ۋە مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىغۇچىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنىلا جىددىي دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.