كانادادىكى مۇسۇلمان ستۇدېنتلار «ئۇيغۇر ئەركىنلىك يىغىلىشى» ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادىكى مۇسۇلمان ستۇدېنتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك يىغىلىشى» مەخسۇس پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-ماي.
كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادىكى مۇسۇلمان ستۇدېنتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك يىغىلىشى» مەخسۇس پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-ماي.
RFA/Gulchehre

ئۇيغۇرلار ئېغىر دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتى بىلەن رامىزاندا قايتىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، مۇسۇلمانلار ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادىكى مۇسۇلمان ستۇدېنتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 4-ماي شەنبە كۈنى مەخسۇس «ئۇيغۇر ئەركىنلىك يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى 2 مىليوندىن ئارتۇق لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىگە ياردەم قىلىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بارلىق دىنىي ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراپ، ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.

شەنبە كۈنى ئوتتاۋا ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دىن 3:30 غىچە داۋام قىلغان بۇ يىغىلىشقا 50 تىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمان ستۇدېنتلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار قوللىرىغا كانادانىڭ بايرىقى بىلەن تەڭ شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي لاگېرلارنى تاقىسۇن» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى ئىپادىلىگەن. نامايىشقا مونترېئال ۋە ئوتتاۋادىكى ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ قاتناشقان. نامايىش جەريانىدا كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن، كانادانىڭ بىر قىسىم مۇسۇلمان تەشكىلات ۋەكىللىرى، مۇسۇلمان ستۇدېنتلار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بايانات بەرگەن ۋە سۆز قىلغان.

ئوتتاۋادىكى مەزكۇر نامايىش پائالىيىتىنى ئاساسلىقى ئوتتاۋا شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ساراخ ئالىي ۋە خىباخ ئاخمېد ئىسىملىك ئىككى نەپەر مۇسۇلمان قىز باش بولۇپ تەشكىللىگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساراخ ئالىي ئۆزى ۋە دوستى خىباخنىڭ، خەۋەر ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق 2 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامىلىپ، قانۇنسىز ھالدا جازالىنىۋاتقان، خورلاشقا ئۇچراۋاتقان، ئائىلىلىرى پارچىلىنىپ، بالىلار يېتىم قېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ھەر جايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۇقىرى تېخنىكالىق كۆزىتىلىۋاتقان ۋە باشقا خىل ئېغىر بىر ۋەزىيەتنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ خىل نامايىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئوتتاۋا مۇسۇلمان ستۇدېنتلار جەمئىيىتى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىدا، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئۇيغۇر ئەركىنلىك يىغىلىشى» نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئېلىپ بارغان.

ساراخ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ئېغىر تراگېدىيەنى ناھايىتى كېچىكىپ ئاڭلىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە «بۇ، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز، بىز يەنە ئوقۇغۇچىلاردىن، ئاممىدىن ئاۋاز يىغىش، ئىمزالىق خەت يوللاش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بارىمىز» دەيدۇ.

نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن مونترېئال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمان ستۇدېنتلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ قوللاشتىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندى «بۇ نامايىشنىڭ مەيدانغا كېلىشى، قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىدۇر، بۇ ھەم كانادادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش دەۋا پائالىيەتلىرىمىزنىڭ نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، دېمەك بىز پائالىيەتلەرنى چوڭ-كىچىك دېمەي توختىماي ئېلىپ بېرىشىمىز ۋە قوللىغۇچىلىرىمىزنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك» دەيدۇ.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، مونترېيالدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتاۋا مۇسۇلمان ستۇدېنتلار جەمئىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مونترېئال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ دوكلات بېرىشى سەۋەبى بىلەن ئالاقە باغلىغان ئىكەن.

37 مىليوندىن ئارتۇق كانادا نوپۇسىنىڭ 3.2% نى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغان بولۇپ، رامىزان ھارپىسىدا كانادا باش مىنىستىرى جاستېن ترۇدو، مەخسۇس رامىزانلىق تەبرىك باياناتى ئېلان قىلىپ، كانادا جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئۇلۇغ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن مۇبارەكلەش بىلەن تەڭ، ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ ۋە كانادا خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنى قوللىشىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن زۇلۇم قىلغۇچىلارغا قارىتا، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ داۋاملىق قارشى مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت