«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى رەسمى باشلاندى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-06-04
Share
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى رەسمى باشلاندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇن تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلىدى. 2021-يىلى 4-ئىيۇن. لوندون، ئەنگلىيە.
AFP

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بۇ يىل 10-ماي كۈنى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

Uyghur-Tribunal-Omerbek-Ali.jpg
لاگېر شاھىدى ئۆمەر بېكئالى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 4-ئىيۇن. لوندون، ئەنگلىيە.

مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى بۈگۈن، يەنى 4-ئىيۇن تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلىدى. يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە 4-ئىيۇن كۈنى لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتباي، ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پاتىگۈل تالىپ، نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ خادىمى مۇئەتتەر ئېلقۇت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «قاراقاش تىزىملىكى» نى ئاشكارىلىغان ئاسىيە ئابدۇلئەھەد ۋە ئامېرىكادا ئوقۇغانلىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى قوغداش ئۈچۈن مەكتەپ ئاچقانلىقى سەۋەبلىك «سىياسىي جىنايەتچى» دەپ قارىلىپ تۈرمىگە سولانغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەمدە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا ئېچىلغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتىس قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى.

Uyghur-Tribunal-Kelbinur-Sidiq.jpg
لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 4-ئىيۇن. لوندون، ئەنگلىيە.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىتر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.

يىغىنغا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس رىياسەتچىلىك قىلدى. ئادۋوكات جېففىرىي نايس ئىلگىرى سابىق يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن كېيىنچە سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بولغان سلوبودان مىلوشېۋىچنى بالقان ئۇرۇشىدا پەيدا قىلغان پاجىئەلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان داڭلىق سوتچى بولۇپ، ئۇ شۇندىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرى ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتلەر مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن كىشى دەپ قارىلىپ كەلمەكتىكەن.

جېففېرى نايىس ئىچىلىش سۆزىدە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسىمىم جېففېرى نايىس، مەن ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ھەققىدىكى بىر قانچە نۇقتا ھەققىدە تەخمىنەن 25 مىنۇت ئەتراپىدا سۆز قىلماقچى. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› بۈگۈن تۇنجى قىتىم ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش 7-ئىيۇن كۈنىگىچە جەمئى 4 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق تۆت كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنى ئالدىن ئوقۇپ چىقتۇق. ئالدىن ئوقۇش جەريانىدا بۇ تەمىنلىگەن ئىسپاتلار ئارقىلىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈلۈۋاتامدۇ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قانچىلىك ئېغىر، دېگەندەك سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتۇق. بىز سوت مەھكىمىسىگە ئوخشاش ھۆكۈم چىقارمايمىز. بىز ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قانۇندا دېيىلگەن بويىچە، پەقەت يېتەرلىك ئىسپاتلارغا ئېرىشكەندە ئاندىن ئاخىرقى قارارنى چىقىرىمىز.»

لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا خىتاي تەرەپنىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچىرىغانلىقنى، لېكىن يەنىلا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بېرىشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشتى.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەر 25-ماي كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتباي، زۇمرەت داۋۇت، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ مەزكۇر كوللېگىيەدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ مەزمۇنى رادىيومىز ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىدا تەپسىلىي ئاڭلاتقان مەزمۇن بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، بۇ پىروگرممىمىزدا تەپسىلىي توختالمايمىز.

لاگېر شاھىتلىرى گۇۋاھلىقلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كىيىن، كوللېگىيەنىڭ ئەزالىرى بولغان ئادۋوكاتلار شاھىتلار سۆزلىگەن ئىسپاتلار ئارىسدا ئۆزلىرى گۇمانلانغان نۇقتىلار ھەققىدە ناھايىتى ئىنچىكە سۇئاللارنى سورىدى. ئادۋوكاتلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەرەپسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» خادىمى مۇئەتتەر ئېلقۇت خانىم ئۆزلىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇسۇلدا توپلىغان لاگېرغا ۋە تۈرمىگە سولانغان كىشىلەرنىڭ ئارخىپى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئادۋوكاتلار توپلانغان ئارخىپلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مۇئەتتەر ئېلقۇت خانىم خىتايدىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئېلىشنىڭ قىيىنلىقى، شۇڭا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا ئېچىلغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتىس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىزتىراپلىرىنى كۈنىمىزدىكى ئەھۋالغا باغلاپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى.

«قاراقاش تىزىملىكى» نىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىدا ھەل قىلىغۇچ رول ئوينىغان ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم ئۆزىگە كەلگەن ئۆلۈم تەھدىتلىرىگىمۇ پىسەنت قىلماي ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشتا چىڭ تۇرغانلىقنى، خىتاينىڭ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ئۇ تىزىملىكنى يالغاندىن ياساپ چىقىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئانا تىلىنى قوغداش بەدىلىگە 18 ئاي تۈرمىدە يېتىش جەريانى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆزىنڭ كۆرگەنلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق شى جىنپىڭ ئېيتقان ئۇيغۇرلارغا «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى يەنە بىر قېتىم يورۇتۇپ بەردى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. ئەتىكى، يەنى 5-ئىيۇن كۈنىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلىنىدىكەن.

رادىيومىزمۇ بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. رادىيومىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىگە دىققەت بەرگەيسىزلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت