مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» رەسمىي قۇرۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە 31-مارت كۈنى «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» رەسمىي قۇرۇلغان.

بۇ مەركەز تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋەكىل تەيىنلىگەن بولۇپ، كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە قىيىنچىلىقتا قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىكەن.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ بۈگۈن ھازىرلىغان مۇراجىئەتنامىسىدە مۇنداق پىكىرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلدى. دۇنيا دۆلەتلىرى ئۆز خەلقىنى ۋىرۇستىن قوغداش ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولماقتا. بۇ ۋىرۇس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھاياتىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان تۈركىيەدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ھەممىمىزنى كۈچلۈك قايغۇغا سالماقتا. چۈنكى قولىدا پاسپورتى يوق، ئولتۇرۇش رۇخسىتى يوق، ئۆي كىراسىنى، توك ۋە سۇ پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، نورمال تۇرمۇشىنى قامداشتىنمۇ مەھرۇم قېلىپ ئۆيلىرىگە قاپسىلىپ قالغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز چارىسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقىماقتا ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى بىرقەدەر ياخشى بولغان ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن ياردەم كۈتمەكتە. گەرچە بىزنىڭ دۆلىتىمىز خىتاي ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ خەلقىمىزگە ياردەم قىلىدىغان ھۆكۈمىتىمىز بولمىسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىز، جەمئىيەتلەر، ۋەخپىلىرىمىز بار.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئالدى بىلەن كورانا ۋىرۇسى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ مۈشكىلات ئىچىدە قالغان مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياردەم سەپەرۋەرلىكى قوزغاپ كورانا ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» 17 دۆلەتتە ۋەكالەتچى بەلگىلىگەن. مەركەزنىڭ نورۋېگىيەدىكى ۋاكالەتچىسى بولغان بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇھاجىرەتتىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك قارار قوبۇل قىلغان ئىدى.