5-مارت كۈنىگىچە دۇنيا بويىچە كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3303 كىشىگە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 96 مىڭ 717 كىشىگە يەتكەن.
5-مارت كۈنى مەتبۇئاتلار كورونا ۋىرۇسىغا دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئىستاتىستېكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 5-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 كە قەدەر دۇنيا بويىچە كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3303 كىشىگە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 96 مىڭ 717 كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 80 مىڭ 411 كىشىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3013 كىشىنى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 كىشىنى تەشكىل قىلغان.
ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا جىددىي تېما بولۇۋاتقىنى بۈگۈنگە قەدەر ئىتالىيەدە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 3089 كىشىگە ئۆرلىگەنلىكى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 107 كىشىگە يەتكەنلىكى بولدى. 4-مارت كۈنى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان پۈتۈن مەكتەپلەردە ئوقۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
5-مارتتىكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە تارقىلىش سۈرئىتى تىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، فىرانسىيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 285 كىشىگە، گېرمانىيەدە 262 كىشىگە، ئىسپانىيەدە 222 كىشىگە، شىۋېتسارىيەدە 90 كىشىگە، نورۋېگىيەدە 56 كىشىگە، گوللاندىيەدە 38 كىشىگە، شىۋېتسىيەدە 35 كىشىگە ۋە ئاۋسترىيەدە 29 كىشىگە يەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئاز دېگەندە 1 دىن 16 گىچە كىشىنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلانغان.
كورونا ۋىرۇسىنىڭ بۇنداق تىز سۈرئەتتە تارقىلىشى ياۋروپا خەلقىنى ساراسىمىگە سالغان. گېرمانىيەدە بولغىنىغا ئوخشاش، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ھادىسىلەر يۈز بەرگەن. دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ۋە ماسكا يېتىشمەسلىك كېلىپ چىققان. ئىتالىيەدە ماسكىنىڭ نەرخى ئۆرلەپ كەتكەن. ئالدىنقى ھەپتىلەر ئىتالىيە ئافرىقىدىن 800 مىڭ دانە ماسكا كىرگۈزگەن بولۇپ، يەنە 10 مىليون دانە ماسكىغا جىددىي ئېھتىياجى باركەن.
شىۋېتسىيە، ئاۋسترىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىتالىيە ۋە ئىراندىن كەلگەن كىشىلەرنى چېگرادا تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىغان بولغان. چۈنكى، ئىتالىيە كورونا ۋىرۇسىنى ياۋروپاغا تارقىتىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئىرانمۇ خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلانغان. ئىراندا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3513 كىشىگە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بۈگۈن 107 كىشىگە يەتكەن.
شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى 1 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپلىشىدىغان ھەرقانداق يىغىلىشلارنى چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بەزى مەكتەپلەرنى تاقىغان ۋە خەلقئارالىق چوڭ كۆرگەزمىلەرنى بىكار قىلغان. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ ۋىرۇسقا قارشى تۈرلۈك تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلغان.
بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ياشار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋىرۇسىدىن ئەنسىرەش بېلگىيەدىكى خەلق ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچەيگەن. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمانجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرغان دۇكىنىنى ئاچالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى نورۋېگىيەدىمۇ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شىۋېتسىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ياش شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيەنىڭ N-TV قانىلىنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپادا تارقىلىش سۈرئىتى تېز، كۆلىمى كەڭ بولسىمۇ ھەمدە نۇرغۇن جايلاردا ئىستېمال بۇيۇملىرىنى بۇلاپ-تالاپ سېتىۋېلىش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋىرۇس گېرمانىيەدە ئىستېمال بۇيۇملىرى قىيىنچىلىقىنى پەيدا قىلالمايدىكەن. ئىستېمال بۇيۇملىرى مۇتەخەسسىسى ئاناھىتا تومىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەدە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە دورا قىيىنچىلىقى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما گېرمانىيە ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسى كۆپ مىقداردا ئۇن، ياغ، شېكەر قاتارلىق بۇيۇملارنى زاكاز قىلغان بولۇپ، خەلقنىڭ ئەندىشىسى ئورۇنسىز ئىكەن.
كورونا ۋىرۇسى ياۋروپا خەلقىدە زور ئەندىشە پەيدا قىلىپلا قالماي، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىغىمۇ كۆپ زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. FOX قانىلى 5-مارت ئېلان قىلغان» ئاۋىئاتسىيە ساھەسى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئوخشاش كورونا ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى «ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، يالغۇز خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە ساھەسىلا 2020-يىلى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك 63 مىلياردتىن 110 مىليارد دوللارغا قەدەر زىيان تارتىدىكەن. گېرمانىيەنىڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولغان لۇفتانسانىڭ 750 يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، ھازىر 150 ئى ئىشتىن توختىغان.
خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرى 2020-يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتايغا ئاران 4 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا ساتقان بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 97% ئاز بولغان. باشقا بۇيۇملارنىڭ سېتىلىشىمۇ زور چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان.
0:00 / 0:00