ۋارىس ئابابەكرى كىم؟ ئۇ قانداق ئۆلدى؟ (2)
2019.11.29

1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆلۈمى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
1980-يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە نامەلۇم «كېسەللىك سەۋەبى» دىن قازا قىلغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 1980-يىللاردىكى ساۋاقدىشى، سەپدىشى، دوستى بولغان، نۆۋەتتە د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋارىس ئابابەكرى بىلەن بىللە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ ئىنتايىن ساغلام بىر ياش ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى يىللاردىمۇ ۋارىسنىڭ بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا ساۋاقدىشى ۋارىسنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ماھىيەتتە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى كۆزدىن يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر ئۆرنىكى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئايرىلغىلى 25 يىل بولغان ۋارىس ئابابەكرى بىلەن بۇندىن 3-4 يىللار ئىلگىرى ئاخىرقى قېتىم ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بىر قېتىم سۆزلەشكەن. دولقۇن ئەيسا سەپدىشى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىستىقبالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان ۋە خىتاينىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ قاتتىق ئازاپلاۋاتقان بىر چاغدا ۋارىستەك بىر تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئوغلاننى ساق قويمايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئىكەن.
ۋارىس ئابابەكرىنىڭ دوستى، مەكتەپدىشى بولغان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىسى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋارىسنىڭ لاگېردا ساغلام ۋۇجۇدىغا قول تەككۈزۈپ، ئاخىرىدا جېنىغا زامىن بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بولسا ۋارىس ئابابەكرىنىڭ تاكى 1988-يىلى ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغاندىن تارتىپ لاگېرغا قامالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ نازارىتى، بېسىمى ئاستىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەتەننى تەرك ئېتىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايلا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ لاگېردا ياكى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن زادى قانداق بىر «كېسەل» گە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى. بىز ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن مەلۇماتلارغا ئېرىشىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە ۋارىس ئابابەكرىگە ئوخشاش سەپداشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆزىگە ئامانەت قىلىپ تاپشۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇندىن كېيىن بۇ دەۋانى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ۋارىس ئابابەكرى 1966-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايى» شىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 1987-يىلى دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباس قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نى قۇرغان. 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن شۇ يىلى 9-ئايدا دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە مەكتەپتىن قوغلانغان، 2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئائىت سىنارىيەلەر يازغان، فىلىملەر ئىشلىگەن، رېژىسسورلۇق قىلغان، ژۇرناللار نەشىر قىلدۇرغان بىر شەخس ئىدى.