ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.01.27
germaniye-xetme-quran-1.jpg

گېرمانىيەدىكى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 25-يانۋار، ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-xetme-quran-2.jpg

گېرمانىيەدىكى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 25-يانۋار، ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-xetme-quran-3.jpg

گېرمانىيەدىكى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 25-يانۋار، ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-xetme-quran-4.jpg

گېرمانىيەدىكى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 25-يانۋار، ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-xetme-quran-5.jpg

گېرمانىيەدىكى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 25-يانۋار، ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

25-يانۋار كۈنى گېرمانىيەدە ياشايدىغان ۋە باشقا بىر قىسىم مەملىكەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ميۇنخېنغا جەم بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دادىسى مەرھۇم ئەيسا مەمەت ۋە ئامېرىكىدا ياشاپ ۋاپات بولغان 1944-1946-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان مەرھۇم ئەدھەمجان زاكىرخان قاتارلىقلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەتەن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەپ، خەتمە-قۇرئان قىلدى.

25-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دادىسى مەرھۇم ئەيسا مەمەت، ئامېرىكىدا 24-يانۋار قازا قىلغان مەرھۇم ئەدھەمجان زاكىر شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا قازا قىلغان بارلىق شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت ۋە نەزىر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەت قۇرئان تىلاۋەت بىلەن باشلاندى.

د ئۇ ق نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تۇنجى بولۇپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قايغۇسى ۋە مەرھۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بولغان تەسەللىلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز قىلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئالايىتەن ئامېرىكادىن كېلىپ بۇ سورۇنغا داخىل بولغان د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، 24-يانۋار ئامېرىكىدا قازا قىلغان، 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەڭچىسى بولغان مەرھۇم ئەدھەمجان ئاكا توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ دادىسى ئەيسا مەمەتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قەست قىلىپ مۇسىبەتلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىلىرىنى سۇندۇرۇش، مىللىي دەۋادىن ۋاز كەچتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نەزىر پائالىيىتى قىسقىچە تىلاۋەت ۋە خەيرلىك دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇنىڭ يالغۇز مەرھۇم ئەيسا مەمەت ۋە ئەدھەمجان ئاكىلارغىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندا قازا قىلغان بارلىق شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتالغان بىر نەزىر پائالىيىتى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.