پرېزىدېنت ترامپ: مەن خىتايدىن خاپا

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ۋىرۇس ئەھۋالىدىن ئامېرىكىنى بۇرۇنراق خەۋەردار قىلمىغانلىقىدىن خاپا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتاي پرېزىدېنت شى جىنپىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان سۆزلەشكەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ۋىرۇس ۋەزىيىتىدىن بۇرۇنراق خەۋەردار قىلمىغانلىقىدىن خاپا بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سىزگە راس گەپنى قىلسام، مەن خىتايدىن بىرئاز خاپا بولدۇم. ئۇلار بىزنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك ئىدى.»

پرېزىدېنت دونالد ترامپ شەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ خىتاينىڭ ۋىرۇس ۋەزىيىتىدىن ئامېرىكىنى بۇرۇنراق خەۋەردار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار دۆلىتى ئىچىدە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىزگە بۇرۇنراق دېگەن بولسا كاشكى. بىز بۇنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بىلدۇق.»

پرېزىدېنت ترامپ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بۇ ئىشتا بەك خۇپىيانە بولۇپ كەلدى، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق.»

ئۇ، خىتايدىكى ۋىرۇس ئەھۋالىنىڭ يامانلاشقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتايدىن كېلىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقانلىقىنى، چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاش بۇيرۇقى بەرگەندە بەزىلەرنىڭ ئۇنى «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكنى، ھەتتا ياۋروپادىن كېلىدىغان قاتناشنى توختاتقاندىمۇ ئەيبلەشلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ مەزكۇر قارارىنىڭ كېيىن توغرا بولۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تاجسىمان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

22-مارتتىكى ئاشبرات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان پرېزىدېنت ترامپ تاجسىمان كورونا ۋىرۇسىنى يەنە «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇ سۆزنى ئىككى قېتىم ئىشلەتتى.

پرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى بۇ ۋىرۇسنى شۇنداق ئاتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تارقاتتى، دەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى شۇڭا ئۇنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق جاكارلاش ئۈچۈن ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.