سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بۇ يىل فېۋرالغىچە بولغان ئۈچ ئاي جەريانىدا 759 مىڭ 493 ئادەم خىتايدىن ئامېرىكاغا كىرگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايدىن ئامېرىكاغا قايتقان ئامېرىكا پۇقرالىرى 228 مىڭغا يېتىدىكەن.
ئا ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوختۇر سىمونې ۋىلدېس: «بۇ سانلار ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. بۇ يەرشارىلىشىشنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكنى ھەمدە بۇنىڭ ھاياتىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھەر زامان تەييار بولۇشىمىز لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكاغا خىتايدىن كىرگەن بۇ يولۇچىلارنىڭ قاچىسىدا كورونا ۋىرۇسى بارلىقىنى مۆلچەرلەش قېيىن، ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچەيلەن بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ ئېيتساق خاتالاشمايمىز.»
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ كۆپۈكچىلىرى نيۇ-يورك، سياتېل ياكى لوس ئانجىلىس شەھەرلىرىگە كىرگەن بارغان بولسا، يەنە نۇرغۇنلىرى ئامېرىكانىڭ باشقا جايلىرىغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان نيۇ-يورك شتاتىنىڭ باشلىقى ئاندرېۋ كۇمو: «بۇ ۋىرۇس نۇرغۇنلىرىمىز ئۇنى بايقاشتىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يەرگە كىرىپ بولغان. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كېلىدىغان يولۇچىلار باشتا بۇ شتاتقا كىرىدىغان بولغاچقا بىز باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك ئېغىر يۇقۇملاندۇق.»
خىتايدىكى ۋىرۇس ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، 2-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتايدىن كېلىدىغان ھاۋا قاتنىشىغا چەكلىمە قويغان.
ئەينى چاغدا ئامېرىكادا تېخى 12 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغان بولۇپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا بېرىپ-كېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۇلار ئامېرىكا ئالغان تەدبىرلەرنى «كەمسىتىش خاراكتېرلىك»، «زىيادە» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 312 مىڭدىن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 8 مىڭ 500 دىن ئاشتى.