دونالد ترامپ: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلىپ تۇرۇپ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئالمىغان بولسا بۇنىڭ بەدىلى بولىدۇ
2020.04.19

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلىپ تۇرۇپ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئالمىغان بولسا بۇنىڭ چوقۇم سورىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ مۇنداق دېگەن: «خاتالىق دېگەن خاتالىق. ئەمما ئەگەر خىتاي بۇنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان بولسا، بۇنىڭ چوقۇم بەدىلى بولىدۇ.»
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ بۇ يەردە كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى بىر بىئولوگىيەلىك قوللار لابوراتورىيەسىدە ياسالغانلىقىدىن ئىبارەت توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان نەزەرىيەنى ئىما قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان كورونا ۋىرۇسى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا يامراپ ئاز دېگەندە 2 مىليون 367 مىڭ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، 163 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە جايلاشقان بىر ياۋايى ھايۋانلار ۋە يېمەكلىك بازىرىدىن تارقالغانلىقىنى، ئەسلى ۋىرۇسىنىڭ شەپەرەڭدىن ئادەمگە يۇققانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ كەلگەن.
ھالبۇكى، جۈمە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىندا سوز قىلغان پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئېيتىۋاتقان ئۇ خىلدىكى شەپەرەڭ ئۇ رايوندا يوق.»
نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر ۋىرولوگىيە لابوراتورىيەسى ئىكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۇنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.