خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش مۇراجىئەتنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلار 100 مىڭدىن ئاشتى

كورونا ۋىرۇسىدا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش مۇراجىئەتنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلار 3 كۈن ئىچىدە 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مۇراجىئەتنامىنى ئامېرىكىنىڭ سابىق ب د ت ئەلچىسى نىككى ھەيلېي قۇرۇپ چىققان «ئامېرىكا ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىڭ» ناملىق فوندى جەمئىيىتى ھازىرلىغان.

ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى مەزكۇر جەمئىيەتكە قاراشلىق «كوممۇنىست خىتاينى توختىتايلى» ناملىق تور بېتىدە ئېلىپ بېرىلغان.

نىككى ھەيلېي تور بەتتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كورونا ۋاباسىدا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.»

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن باشقىلارنى بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان.

مۇراجىئەت 23-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى 100 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلاش پىلان قىلىنغان. ئەمما ئىمزا قويغۇچىلار يەكشەنبە كۈنىگىچە 107 مىڭ 306 دىن ئېشىپ كەتكەن ۋە يېڭى نىشان 200 مىڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

نىككى ھەيلېي خانىم 2017-يىلى يانۋاردىن 2018-يىلى دېكابىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.