تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى
2025.01.10
ئالدىنقى ئايدا سۈرىيەدە 60 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن ئەسەد جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى مەزگىلدىكى تۈرمىلەر ۋە ساقچىخانىلارنىڭ ئىچ يۈزى تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئىسكەنجىسى ۋە زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.
ئۇ، ئوچۇق خېتىنىڭ بېشىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس جانابلىرى! سۈرىيەدە زالىم ئەسەدنىڭ ھاكىمىيىتى يىمىرىلدى، سۈرىيە خەلقى زالىم ھۆكۈمەتنىڭ زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدى، سۈرىيە زىندانلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ئېغىر قىيىن-قىستاق ۋە ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى، ھايات قالغان مەھبۇسلار ئازاد قىلىندى. ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان كىچىك بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ياكى ياشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ئېغىر زۇلۇملارنى كۆرۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ، يەنى يەرلىك تۈرك خەلقىنىڭ باسقۇنچىلىق، ئىچكىي ئەزالىرى سۇغۇرۇپ ئېلىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، كىچىك بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇش دېگەندەك ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. مەن دەپ ئۆتكەن بۇ زۇلۇملارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئىسپاتلانغان. چارەسىز قالغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىنسانلىق دۇنياسىنىڭ ياردىمىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە».
ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان ئوچۇق خېتىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى جانابلىرى، خىتاي زۇلۇمىنى ياخشى بىلىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزلىرىگە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قاراتقان زۇلۇملىرى، سۈرىيە تۈرمىلىرىدىكى زۇلۇملاردىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ھالەتتە داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزلىرىدىن خىتاينىڭ دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى، ئۇلارغا قۇچاق ئېچىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. خۇلاسە قىلغاندا، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدە ۋەتىنىدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن تۈرمىگە ياكى لاگېرغا تاشلانمىغان بىرەرمۇ كىشىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا زۇلۇمغا ئۇچرىمىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ».
ئۇ، ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس جانابلىرى! ئىلتىماسىمىز شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان زۇلۇملارنى ئاشۇ زېمىننىڭ ئۆزىدە توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشلىرىنى، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جانلىرى ۋە ئىززەت-ئابرۇيلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنى، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان تۈركىيەگە ئەركىن كېلەلىشىگە يول ئېچىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىز تارىختىن بۇيان دىنىي ئايرىمچىلىق ياكى ئىرقچىلىق قىلماستىن پۈتۈن مەزلۇملارغا، ھەتتا پولۇنېز يەھۇدىلىرىغىمۇ قۇچاق ئاچقان بىر دۆلەتمىز. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقايلى. ئەگەر بىز ئاشۇنداق قىلالىساق، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا بوينىمىز ئېگىلىپ قالمايدۇ، شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا خىجالەتچىلىك تارتمايمىز!».
بىز بۇ ئوچۇق خەت توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر ساھەدىن ئىجابىي ئىنكاسلار ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ئىجابىي ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقانلاردىنمۇ رەھمەت ئېيتقانلار بولدى. بەزى سىياسەتچىلەر بۇنى ئەتراپىمىزغا تارقىتىۋاتىمىز دېگەنلەرمۇ بولدى. مەن بۇ ئىنكاسلاردىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. چۈنكى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ تەلەپلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنىمۇ كۆرەرمەن».
1964-يىلى 11 ياشتا ئائىلىسى بىلەن قەيسەرىگە كېلىپ يەرلەشكەن پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىرنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان ئوچۇق خېتىنىڭ تۈركىيە تور گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ كۆپ تارقىتىلغانلىقىنى، بۇ ئوچۇق خەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بىلىنىشى جەھەتتىنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.