خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر ئالىملارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-11-15
Share
Scholars_At_Risk-Robert-Quinn.png خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روبېرت كۇۋىن ئەپەندىم.
Social Media

خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى دەرھال كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا، «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا خاتىمە بېرىپ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.

مەزكۇر ئوچۇق خەتنى خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روبېرت كۇۋىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارىتىپ ئېلان قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى جوسېف فونتېللېس قاتارلىق 10 نەچچە نەپەر مۇھىم ئەربابقىمۇ قوشۇمچە يوللىدى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق دېدى: «مەن خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئۇشبۇ خەتنى يېزىپ، خىتايدا غايىب بولغان ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان دەپ گۇمان قىلىنغان ئالىم ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى سىزنى تۈرمىدىكى ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ‹قايتا تەربىيەلەش› ئىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە، پۈتۈن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ.»

مەزكۇر خەتتە، 2017-يىلى دېكابىردا غايىب بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئېتنوگرافىيە ئالىمى راھىلە داۋۇت، 2017-يىلى نويابىردا قولغا ئېلىنىپ، «بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى نامايان قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، 2018-يىلى يانۋاردا ئۆز ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلار ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى 39 دۆلەتتىكى 500 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئەركىنلىكى پرىنسىپىغا بولغان تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىگە باش نىشان قىلغان بىر خەلقئارالىق ئالىملار تورىدۇر.

چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ئىلگىرى 2016-يىلىدىن بۇيان تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى لاگېرلارغا تاشلانغان 400 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت