خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدىكى ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.04.24
غۇلجا ناھىيەسى توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىدىكى تىككۈچىلىك سېخىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 14-ئاۋغۇست، غۇلجا
xjyn.gov.cn

«خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» (ILO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان مەخسۇس ئورگىنى. 1919-يىلى قۇرۇلغان بۇ ئورگاننىڭ باش ئىشتابى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەھدىنامە ۋە تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خىزمەت قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چېكىنى بېكىتىش، خىزمەت ئەركىنلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك، خىزمەت بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىق قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارغا بېرىپ چېتىلىدىغان خەلقئارالىق ئەمگەك ئۆلچىمىنى بېكىتىپ چىقىدۇ.

يېقىندا بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بېرىلگەن.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى خىتاي تەتقىقات بۆلۈمى دىرېكتورى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ قوللانمىسىدا تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، دەپ شەرھلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى قوللانمىسى 2000-يىللاردا تۈزۈلۈشكە باشلاپ، 2012-يىلى ئېلان قىلىنغان. بىراق ئۇ ئاساسلىق خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئىنسانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى يەنى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن ھەمدە تۈرمىلەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك شەرھلەنگەن. ئەمما بۇ قوللانمىدا لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدىكىلەرگە قارىتىلغان، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› نامى ئاستىدىكى ‹ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتى› نى مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ باھالايدىغان ئۇقۇم رامكىسى يوق. شۇڭا ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى› مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارىدا شەرھلەنمىگەن. يېڭى قوللانمىدا لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدىكىلەرگە قارىتىلغان ‹ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش› سىياسىتى بىر قانچە يەردە شەرھلىنىپ، بۇنىڭغا ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. يېڭى قوللانمىغا شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەتنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن مەزمۇنلار قېتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بايقاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.»

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قوللانمىدىكى كەمچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقات دوكلاتلىرىنى تاپشۇرغان. ئۇلارمۇ قوللانمىغا تولۇقلىما كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ «جەيمىس توۋن فوندى» تەتقىقات مەركىزىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت قوللاۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدىن پايدىلانغان ئىكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ يېڭى قوللانمىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللانمىسى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ قوللانمىسىدىن پايدىلىنىدۇ؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بۇ قوللانمىدىن پايدىلىنىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندا مۇشۇ قوللانمىدىن پايدىلىنىدۇ. يەنە بۇ قوللانمىغا ئاساسەن خەلقئارالىق تىجارەت قىلىۋاتقان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. قىسقىسى، بۇ قوللانمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك ۋە كېلەچەك خاراكتېرلىك دېيىشكە بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىلانغان قوللانمىغا كىرگۈزۈلگەن يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، قوللانمىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن، جۈملىدىن «ئالاھىدە رايونلاردىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش» مەقسىتى بىلەن يولغا قويۇلۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان. دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى «ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ‹شىنجاڭنىڭ مىللىي نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش› نامىدىكى سىياسەتنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللىرىگە ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن. قوللانمىنىڭ بۇ بۆلىكىدە يەنە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش ۋە «قايتا تەربىيەلەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ پەقەتلا ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ تولۇقلىمىلار ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ باھالانماقتا. بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن تونۇلغان تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئادرىيان زېنز ئەپەندى تۈرتكە بولغان بۇ ئۆزگىرىشنى قارشى ئالغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۆزگىرىشكە يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«يېڭى قوللانما تۈرمە سىرتىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يەككە ۋەقەلەر ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق خەۋپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، قانۇن چىقىرىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشتەك بىھۇدە يۈكنى بىكار قىلدى. بۇ بۇرۇلۇش ياۋروپا ئىتتىپاقى پات ئارىدا ماقۇللاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشقا ئائىت قانۇن ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.»

باياناتتا يەنە، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رامكىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەشۋىقات تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بولۇپمۇ ئالىي تەتقىقاتچى، دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ جاپالىق تەتقىقاتى نەتىجىسىدە يازغان دوكلاتلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر» دەپ باھالانغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم باياناتتىكى سۆزىدە، ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق تۇنجى قېتىم خەلقئارادا خىتاينىڭ «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» سىياسىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرگەنلىكىنى مەدھىيەلىگەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى دىققەتكە ئالغانلىقى ۋە دوكلاتىدىكى مەزمۇنلاردىن كەڭ دائىرىدە پايدىلانغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر خۇش خەۋەر» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.