«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» تېمىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا باشلاندى
2024.10.15
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» تېمىسى بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى. بۇ كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 20 نەپەر ياش قاتناشتى.
بىز بۇ كۇرس توغرىسىدا تېخىمۇ تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ كۇرس ۋە كۇرسنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە 2019-يىلىدىن ھازىرغىچە 11 قېتىم ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق. بۇ كۇرسلارغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، تاراتقۇ، تەشۋىقات، خەلقئارا ۋەزىيەت، مىللىي كۈرەش يوللىرى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى. بىز ئالدىنقى قېتىملىق تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۇ ياشلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش ھەمدە مىللىي سېپىمىزگە قوشۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە غەربنىڭ دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرى، رەسمىي سورۇنلاردىكى قائىدىلەر، تەشكىلاتچىلىق، لوبىچىلىق (دەۋەتچىلىك)، دۆلەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىدېئولوگىيەسى، خىتاي ئىستىخباراتى، غەرب ئىستىخباراتى، دۆلەتلەر ئارا ئالاقە-مۇناسىۋەتلەر دېگەنلەردىن ساۋاتلار تونۇشتۇرۇلدى. يەنە بىر ياقتىن خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە خىتايغا قارشى كۈرەشنىڭ ئوخشىمىغان يوللىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا يەتتە ئايلىق مۇددەت بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە مىللىي سەپتە كەم بولۇۋاتقان ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز».
ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» دېگەن تېما بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك (يەتتە ئاي) تەربىيەلەش كۇرسىدا لېكسىيە بېرىشكە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلار تەكلىپ قىلىنغان. كۇرسنىڭ تۇنجى لېكسىيەسىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پىروفېسسورى، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «20-ئەسىر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە ئۈچ ئەپەندى» دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن. 2-لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى، دوختۇر پەرھات قەشقەرىي ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە تەشكىلاتچىلىق» دېگەن تېمىدا، كۇرسىنىڭ 3-لېكسىيەسىدە ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش تەپتىشى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم «ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە ساۋات» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. كۇرسنىڭ 4-لېكسىيەسى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇدىرى دوكتور تۇردى مەتتۇرسۇن قارا ئەپەندى «تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى» دېگەن تېمىدا، كۇرسىنىڭ 5-لېكسىيەسىدە، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە ئالاقە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى «تاراتقۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
كۇرسقا قاتناشقان ياشلار بۇ لېكسىيەلەردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەنپەئەت ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئۆگەنگەن ھەمدە ئۆزلەشتۈرگەن بىلىملىرىنى تېخىمۇ بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. بىز بۇ كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىسلام بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئىسلام بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئارقىلىق بىلىم دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، تەشكىلاتچىلىقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلاردا لېكسىيە ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇشۇ خىلدىكى كۇرسلارغا قاتنىشىشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ياشلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. بىز ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىمىز ۋە خىتاي رېجىمىدىن قۇتۇلىمىز دەيدىكەنمىز ئەلۋەتتە بۇ ياشلارسىز روياپقا چىقمايدۇ. ياشلار ۋەتەننى ئازاد قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرسى، چۈنكى ياشلار پەرقلىق تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە ھەر قانداق مەسىلىلەردە ئاكتىپ بولالايدۇ، شۇ سەۋەبتىن دوستلىرىمنى ۋە ياشلارنى بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ لېكسىيەلەردىن پايدىلىنىشىنى چىن دىلىمدىن تەۋسىيە قىلىمەن».
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ بۇ ئايدىكى ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش پىروگراممىسى ياشلارنىڭ ئوخشىمىغان لېكسىيەلىرىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى، لېكسىيەلەردىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلغان. بۇ كۇرس ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغان بولۇپ ھەر ئايدا ئىككى كۈن ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى دەرس ئۆتىلىدىكەن. بۇ كۇرسنىڭ كېيىنكى قىسمى 11-ئاينىڭ 16- ۋە 17-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا داۋام قىلىدىكەن.